خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا دەۋر ۋارنېر ئاخبارات گۇرۇھى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى دۇنيا ئاخبارات يىغىنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن ئەھۋالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون، "يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ھۆكۈمەتنىڭ دائىم ئاساسى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى رەت قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ يىغىن ئاخبارات بىلەن تەشۋىقاتنىڭ پەرقىنى، خىتاينىڭ ئۆزىدىكى مۇخبىرلار ۋە خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى توختىتىشنى مۇزاكىرىگە قويمىسا، بۇ يىغىن ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداش ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ" دېگەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتايدا ئاخبارات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
