خىتايدا چوشقا زۇكامى ۋىرۇسدا يۇقۇملانغۇچىلار 4 نەپەرگە يەتتى

خىتايدا يەنە بىر چوشقا زۇكامى يۇقۇمدارى بايقالغان بولۇپ شۇنىڭ بىلەن خىتايدا ھازىرچە بايقالغان مەزكۇر ۋىرۇستا يۇقۇملانغۇچىلار 4 نەپەر گە يەتتى.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇمدار ئىتالىيە پۇقراسى بولۇپ، تىبەتكە ساياھەتكە كەلگەن 24 كىشىلىك بىر ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ساياھەتچى 16 - ماي شەنبە كۈنى نېپال ئارقىلىق تىبەتكە كىرگەن ۋە قىزىتمىسى بىرئاز يۇقىرى بولغاچقا تەكشۈرۈلگەن ۋە نەتىجىدە چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقىلىپ شۇ كۈنى تىبەتنىڭ جاڭمۇ يېزىسىدا ياتاققا ئېلىنغان.

ئۇنىڭ باشقا 23 نەپەر ھەمراھى، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كارانتىن قىلىنغان.

H1N1 تىپلىق چوشقا زۇكامى نۆۋەتتە 40 دۆلەتكە تارالغان ۋە 9 مىڭغا يېقىن ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 70تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان ئىدى.