مەلۇم بولۇشىچە، زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددا مېلامىن قوشۇلغان زەھەرلىك سۈت پاراشوكلىرى يەنە خىتاي بازارلىرىغا سېلىنغان. بۇ ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى شەنشى ۋە نىڭشا ئۆلكىلىرىدىكى ئىككى سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىنى پېچەتلىگەن.
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى باشقا ئۆلكىدىكى نامەلۇم بىر شىركەتنىڭ 170 توننا ئېغىرلىقتىكى زەھەرلىك سۈت پاراشوكىنى نىڭشا تيەنتيەن سۈت مەھسۇلاتلىرى شىركىتىگە قەرز ھېسابىدا بېرىۋەتكەنلىكىنى بايقىغان.
نۆۋەتتە بۇلاردىن ئاران 72 توننىسى قولغا چۈشكەن بولۇپ، قالغان قىسمىدا قايتىدىن سۈت پاراشوكى ئىشلىنىپ بازارغا سېلىنغان ئىكەن. خىتاي مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ھازىر بۇ سۈت پاراشوكلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرمەكتە.
2008 - يىلى خىتايدا زەھەرلىك ماددا مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشوكى ۋەقەسى يۇ بېرىپ، نۇرغۇن بوۋاقلار زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار بىر قىسىم شەخسلەرگە جازا بەرگەن ۋە بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنلا بۇ خىلدىكى سۈت پاراشوكلىرىنى تولۇق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
