ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، تۇرالغۇ جايىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان پۇقرالار شۇ كۈنى ئەتىگەندە ۋۇخەننىڭ نەنچاڭ رايونىدا يوللارغا توساق قۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يىتەرلىك تۆلەم تۆلەپ بەرمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۇرگەن.
پەيشەنبە كۈنكى نامايىش ۋۇخەن شەھىرىنىڭ قاتناش ئالاقىسىنى بىر مەزگىل پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ 3 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە باشلانغان نامايىش سائەت 10:00 لاردا نەچچە يۈز كىشىلىك ساقچى قىسىملىرى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.
ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن ئايدا تۇرالغۇ جايى چېقىلغان پۇقرالارغا يىتەرلىك تۆلەم تۆلەپ بېرىشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغان. شۇنىڭ بىلەن پۇقرالار پەيشەنبە كۈنى كوچىغا چىقىپ، يوللارغا توساق قۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ۋەقە جەريانىدا دائىرىلەر نامايىشچىلاردىن 3 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. لېكىن بەزى نامايىشچىلار رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ئەگەر ھۆكۈمەت ئەتىگىچە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرمىسە، نامايىشچىلارنىڭ يەنە كوچىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
