مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قورال - ياراق زاۋۇتلىرى چۇڭچىڭ، خۇنەن ۋە گۇيجۇ رايونلىرى چېگرىلىنىدىغان ئورمانلىققا جايلاشقان بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى بۇ نۆۋەتلىك بىر سائەتلىك ھۇجۇمدا، 4 قورال - ياراق زاۋۇتى، 10 نەچچە قورال - ياراق تەقلىد قىلىپ لايىھىلەش ئورنى، نۇرغۇن قورال - ياراق ۋە بىر قىسم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.
ھالبۇكى، ھازىرچە مەزكۇر قورال - ياراق زاۋۇتلىرىدا قايسى خىلدىكى قوراللار ياسالغانلىقى ھەمدە خىتاي ئىچىدىكى قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە كىملەرنى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە ياكى قورال ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار مەلۇم ئەمەس.
