خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى شەنبە كۈنى قۇم بوراننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى شەنبە كۈنى قۇم بوراننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2010 - يىلى كىرگەندىن بۇيانقى قۇم بوراننىڭ ھۇجۇمغا ئەڭ قاتتىق ئۇچرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قۇم بوراننىڭ تەسىرى بېيجىڭ شەھىرى ئاسمىنىنى كاۋا چېچىكى رەڭلىك تۇمان قاپلاپ كەتكەن. نەتىجىدە بېيجىڭدىن ئۇچىدىغان بىر قىسىم يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

بېيجىڭ شەھەرلىك ھاۋا رايى ئىدارىسى مەزكۇر قۇم بوران توزانلىرىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خىتاي دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇ خىلدىكى قۇم بوران ھۇجۇملىرىنىڭ ئوتكەن 50 يىل جەريانىدا 6 ھەسسە ئېغىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ خىلدىكى قۇم بوران ھۇجۇمى ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، ۋە خېبېي ئۆلكىلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن. شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن قۇم بوران جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، شى چۇنيەن ئىسىملىك بىر بېيجىڭ ئاھالىسى بۇ خىلدىكى قۇم بوران ھۇجۇملىرىنىڭ كېلىپ چىشىغا ئىنسانلار سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا شەھەر رايونىنىڭ كېڭىيىشى، سۇ مەنبەلىرىنى قالايمىقان ئېچىش، چۆللۈكلەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قالايمىقان چېپىش نەتىجىسىدە تۇپراقلارنىڭ قۇملىشىشى ۋە چۆللۈكنىڭ كېڭىيىشىنى تىزلەتكەن.