رويتېرستا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، خىتايدا دورا باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن - مىزانلار تېخى مۇكەممەل بولمىغاچقا، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىستېمالچىلار چاچ چۈشۈش، باھ ئاجىزلىقى ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى قاتارلىق ساختا ئېلان ۋە قۇرۇق ۋەدىلەر بىلەن كۆمۈۋېتىلگەن.
خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تەھلىلچىلەر شۇ سەۋەبىدىن خىتاي ئىستېمالچىلىرى ئارىسىدا خىتايدا ئىشلەنگەن دورىلارغا ئىشەنمەسلىك، غەربتە ياسالغان دورىلارغا مايىل بولۇش تۇيغۇسى شەكىللەنگەنلىكىنى، بۇ خىل ھالەتنىڭ نۆۋەتتە خىتايدا دورا بازىرىدا خېرىدار تېپىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان چەتئەل دورا شىركەتلىرىگە ياردەم قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
