ب ب س ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيا كۈندىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە، خىتايدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان، پۇقرالارنىڭ ساقچىخانىلاردا ئەھۋال ئېنىقلاش ئۇچۇن تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلىدە، سوراق جەريانىدا ھەر خىل قىيىن - قىستاقلار سەۋەبىدىن، دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى، ئاۋۋال تور بېتىگە قويۇپ، پۇقرالارنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ دەسلەپ سىناق نۇسخىسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
خىتايدا پۇقرالارنىڭ ساقچىخانىلاردا ئەھۋال ئېنىقلاش ئۇچۇن تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلىدە، ساقچىلارنىڭ قىيناپ سوراق قىلىشى نەتىجىسىدە يۈز بېرىدىغان پاجىئەلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ يىل 5 - ئايدا يەكەن ناھىيىسىدىكى دىلبەر توختى خانىم ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە خەت يېزىپ، ئېرى مەمەت تۇرسۇننىڭ يەكەن ناھىيىسىدىكى گۈلباغ ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلىدە، ساقچىلارنىڭ قىيناپ سوراق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ساقچىلار ئۇستىدىن كۆپ قېتىم مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئەرزى ئاقمايلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
