بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدە يېڭىدىن 'شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى' تەسىس قىلىنماقچى

خىتاي مائارىپ تارماقلىرى بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدە يېڭىدىن "شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىشنى پىلانلىماقتا ۋە بۇنىڭغا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 8 - فېۋرالدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇرۇلىدىغان كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا" سىنىپلىرىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە قۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ سىنىپلارغا بۇ يىل دەسلەپكى قاراردا 3300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇلارنىڭ 3000 نەپىرى يەرلىكتىن، 300 نەپىرى بىڭتۇەندىن ئېلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" نى 2000 - يىلىدىن باشلاپ جىددىي يولغا قويغان ئىدى. كېيىن، "شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى" نىمۇ تەسىس قىلىپ ئوقۇغۇچى ئېلىشقا باشلىغان ئىدى.

بۇ نۆۋەت قۇرۇلىدىغان "شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" شۇ خىلدىكى ئەندىزە بۇيىچە قۇرۇلىدىغان تۇنجى سىنىپتۇر.