خىتاي بۈگۈن ئاساسى قاتلام ئورگانلىرىغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، يېمەك - ئىچمەك باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۇقتۇرغان؛ شۇنداقلا بۇ ئىشنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە مۇھىم بىلىشكە ۋە چىڭ تۇتۇشقا چاقىرغان.
تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئاپرىل ئېيىدا كۆكتات باھاسى 14%، مىۋە - چىۋە باھاسى 16% ئۆرلەپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل خىتايدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر، خىتايدا يېمەكلىك باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشى ۋە بۇ ئۆرلەشنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا.
خىتاي بۇ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بانكىلارنى، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن كۈپ مىقداردا قەرز پۇل ئاجرىتىشقا چاقىرغان. بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم مال باھا مەسىلىسىنى سىياسىي مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشىدۇر.
