سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشكە قىلىنغان ياردەم پۇلىنىڭ 80% ى ھۆكۈمەتنىڭ چۆنتىكىگە چۈشكەن

خىتايچە ب ب س خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئۈچۈن قىلىنغان ياردەم پۇلىنىڭ 80 % ى ھۆكۈمەتنىڭ چۆنتىكىگە چۈشكەن.

بۇ ئەھۋالنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىكى بىر مۇستەقىل تەتقىقات ئورنى بايقىغان. بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئۆتكەن يىلى سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشكە جەمئىي 76 مىليارد يۈەن ئىئانە توپلانغان. بۇ پۇلنىڭ 20% ى قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ۋە جۇڭخۇا ساخاۋەت مەركىزى قاتارلىق خەير - ساخاۋەت ئورۇنلىرىنىڭ ھېسابىغا، قالغان 80% ى ھۆكۈمەتنىڭ ھېسابىغا ياتقۇزۇلغان.

مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئەسلىدە ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆزى پۇل چىقىرىشى كېرەك بولغان بىر قىسىم قۇرۇلۇشلارغا ئىئانە پۇلىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقىغان. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى يۇقىرىقى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان. ھۆكۈمەتمۇ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتىدا خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخى ئاجىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىئانە پۇلىنى توغرا ئىشلىتىش ئۈچۈن پۇلنى ئۆزلىرى تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتايدا خەير - ساخاۋەت قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئاجىز بولۇشىدا دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، خىتايدا تېخىچە خەير - ساخاۋەت قانۇنى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.