مارتىن كەمبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان گېرمانىيىلىك ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا 2 - فېۋرال كۈنى ۋېن جياباۋ نوتۇق سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قارىتىپ ئايىقىنى ئاتقان ھەمدە يۇقىرى ئاۋازدا "بۇ ئۇنىۋېرسىتېت قانداق قىلىپ بۇ دىكتاتۇرغا بۇ جايدا سۆزلەش پۇرسىتى بەردى، سىلەر قانداقمۇ ئاڭلاپ ئولتۇۋاتىسىلەر... " دەپ ۋارقىرىغان ئىدى. گەرچە ئۇ ئاتقان ئاياق ۋېن جياباۋغا تەگمىگەن بولسىمۇ، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار ئۇنى ئېلىپ كەتكەن ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي كاپالەتكە قويۇپ بەرگەن ئىدى.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئاياق ئاتقان ئوقۇغۇچىغا قاتتىق جازا كۆرمەسلىكىنى، تەربىيىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا پۇرسەت بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىكەن.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ ئۆزىگە ئاياق ئاتقۇچىنى يېنىك بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشى، ۋەقەنىڭ تېخىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن، چۈنكى مەزكۇر ۋەقە، ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئىراق مۇخبىرىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشقا ئاياق ئېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى، ئىككىنچى قېتىملىق دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا ئاياق ئېتىش داڭلىق ۋەقەسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەر ھەم كۆرۈنۈشلەر چەكلەنگەن بولۇپ، ھەتتا خىتاي ئىچىدە ئىنتېرنېتتىن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈشمۇ قامال قىلىنغان.
