دولەت مەجلىسىدىكى دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئەزالار پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتايدىن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ۋەدە ئالالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنى "خىتاينىڭ پۇل -مۇئامىلە ماناپولىيىسى"ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىس شۇمىر ۋە جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراخاملارنىڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا يازغان بۇ ھەقتىكى خېتىدە " ئەگەر سودا مىنىستىرلىقى خىتاي يولغا قويغان پۇل سىياسىتىنىڭ خەلقئارا كېلىشىمگە خىلاپ قوشۇمچە ياردەم ئىكەنلىكىنى بايقىسا، خىتايغا ئېغىر جازا قويۇلۇشى مۇمكىن" دىگەن.
خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە تەرەپلەر كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئوباما ھۆكۈمىتى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى مەيدانىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاينى پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىۋاتقان دۆلەت، دەپ ئېلان قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارمىقىدىكى ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خىتاي ھەققىدىكى دوكلاتتا، خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى ئازايتىدىغان قانۇن چىقىرىشنى تەكلىپ قىلغان.
