مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا 2009 - يىلنىڭ تىنچ بولمايدىغانلىقىنى قىياس قىلماقتا

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو ‏ - تېلېۋىزىيىسىنىڭ سەيشەنبە ئېلان قىلىشىچە، خىتايدىكى بىر قىسىم مۇخبىر ۋە ئوبزورچىلار نەزەر ھەپتىلىك خەۋەرلەر مەجمۇئەسىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ 2009 - يىلنىڭ خىتايدا ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەن بىر يىلى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر مۇلاھىزىلەردە 2009 - يىلىدا خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئىنتايىن كەسكىن توقۇنۇشلارغا يۈزلىنىشى مۇمكىنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇغۇلۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئىختىلاپ ھەم توقۇنۇشلارنىڭ مۇمكىن قەدەر ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەتلىنىشى كېرەكلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان بولۇپ " ئاساسىي قاتلامدا يۈز بەرگەن ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ھۆكۈمەت بۇنى ئۆزىگە قارشى سىياسىي ھەرىكەت دەپ ساقچى ۋە قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇشنى ئاساس قىلغاندا، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ تراگېدىيىلىك قانلىق ۋەقەلەر تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىشى مۇمكىن " دەپ كۆرسىتىلگەن.

مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، چاغاندىن كېيىن كۆپ ساندىكى ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ قايتا ئىش تېپىش مەزگىلى ھەمدە 7 - ئايدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش باسقۇچىنىڭ چوڭ ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان مەزگىللەر بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسى توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدىغان ئەڭ ھالقىلىق ئامىل بولۇشى مۇمكىن.

ب ب س نىڭ خوڭكوڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى پروفېسسورى لياڭنىڭ يۇقىرىقى مۇلاھىزىلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە،گەرچە خىتايدا 2009 - يىلىدا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى جەزىملەشتۈرۈشتە، يەنىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ قاتتىق ۋاستىلار بىلەن باستۇرۇپ كونترول قىلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىكەن.