خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مۇراسىمغا خىتاينىڭ قىرغىزستاندىكى باش ئەلچىسى ۋە ھەربىي ئەمەلدارى قاتنىشىپ 'بۇ، خىتاي بىلەن قىرغىزستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي دوسلۇقنى ئىسپاتلايدۇ' دېگەن.
قىرغىزستان چېگرا مۇداپىئە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مامىتوف خىتاينىڭ بۇ ھەربىي ياردەم ئەشيالىرى ئوش، سۇياپ رايونلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ، يەرلىكتىكى ماددىي ئەشيا ۋە تارانسپورت قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوڭ ياردەم بولۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى قىرغىزستانغا ھەقسىز ھەربىي ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتقان.
