مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر چارىنى يولغا قويۇشتىن مەقسەت جەمئىيەت تەرتىپىنى تىزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر چارىدە تۆلەم تۆلەش 10 دەرىجىگە ئايرىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن. تۆلەم ئېلىشقا لايىقلار تۆلەم پۇلى، ئالاھىدە قوشۇمچە ياردەم سوممىسى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەندىن سىرت يەنە، داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆي ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش جەھەتلەردىمۇ ياردەمگە ئېرىشىدىكەن.
5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرگە ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان ئىدى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى خەلقى بۇ خىل تۆلەملەردىن بەھرىمەن بولۇشقا ئۈمىدسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
