بۈگۈن خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك پارتىيە، دېموكراتىك بىرلىكسەپ پارتىيىسى قاتارلىق بىرنەچچە پارتىيىنىڭ مەسئۇللىرى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ، شىنجاڭ قوراللىق قىسىملىرىنىڭ خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇرغانلىقىغا قارىتا قاتتىق نارازلىق بىلدۈردى ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتتىن بۇ مەسىلە ئۈچۈن ئەفو سوراشنى تەلەپ قىلدى.
'مىڭپاۋ گېزىتى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن دېموكراتىك پارتىيە رەئىسى ئۆزىنىڭ 10 نەچچە نەپەر ئەزاسىنى، دېموكراتىك بىرلىكسەپ پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋېن رەىئىسى ئۆزىنىڭ 20 نەچچە نەپەر ئەزاسىنى باشلاپ، شەھەرنىڭ غەربىيدىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىشخانىسىغىچە كۇچىلاردا نامايىش قىلىپ كەلگەن.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش ئورنىنىڭ تەشۋىقات - مەدەنىيەت بۆلۈم باشلىقى ئۇلارنىڭ پىكرىگە ھۈۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ پىكرىنى مەركەزگە يوللايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.
