ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 6 - سېنتەبىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى بەش ئاممىۋى ئاخبارات ئورگىنى، سىياسىي پارتىيە ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە ئىش بېجىرىش ئورگىنىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خوڭكوڭنىڭ ھەر قايسى ساھە خەلقىنىڭ بۇ ۋەقەگە نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دېموكراتىيە قۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خوڭكوڭلىقلارنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بۇ قېتىملىق نارازىلىق نامايىشى يەكشەنبە كۈنىمۇ داۋاملاشقان بولۇپ، دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولسا، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ خوڭكوڭلۇق مۇخبىرلارنى ئۇرۇش ۋە تۇتۇشتەك قىلمىشلارنى ئېنىقلاشقا قاتنىشىشى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورگىنىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل ئەمەلدارى خوڭكوڭ پارتىيە - گۇرۇھلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى ئۇرۇپ يارىدار قىلىش ۋەقەسىنى باھالىمىغان، ئەمما خوڭكوڭلىقلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن قوپاللىق قىلىشقا ۋە تۇتقىن قىلىشقا ئۇچرىغان مۇخبىرلار خوڭكوڭغا قايتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ ۋە دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭلۇق ئۈچ نەپەر مۇخبىرغا قوپاللىق قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە بەش نەپەر خوڭكوڭلۇق مۇخبىر ئۈرۈمچىدە زىيارەت قىلىۋاتقاندا جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە ئۇلار پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرالماي مېھمانخانىغا قايتىپ كەتكەن.
