ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك كۆزىتىش ئورگىنى، تەۋرەش قاتلىمىنىڭ 84 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىنى، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 8:33 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئورگاننىڭ ئەسكەرتىشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى خوتەننىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى رايونغا توغرا كېلىدىكەن. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەرلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يەر تەۋرەش دەرىجىسىنىڭ 2.5 بال ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، يەر تەۋرەش ۋەقەسىنىڭ قاغىلىق بىلەن گۇما ناھىيىسى ئارىسىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن كونكرېت جاي ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان.
