خۇ جىنتاۋ ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى 'ئۈچ خىل كۈچلەر' گە ئارتىپ، ۋەقەگە قاتناشقانلارنى شىددەتلىك جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىغا قارىماي خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسى بيۇرۇسى چارشەنبە كۈنى "ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى" توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئېچىپ، يەرلىك دائىرىلەرگە ۋەقە تۇغدۇرغان ئۇيغۇرلارنى جازالاشنى، قالغان ئۇيغۇرلارنى"ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە تەربىيە بېرىش"نى بۇيرۇغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە، خۇ جىنتاۋنىڭ يىغىندا ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى "مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەر ئۇيۇشتۇرغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى" دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەزكۇر ۋەقەنى "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە ئارتىشىدۇر. ئانالىزچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقنى ۋە قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم جازالىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ بېشىدىلا نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان شۇنداقلا "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى پروفېسسورى ئىلھام توختىنى قولغا ئالغان ئىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى پەيشەنبە كۈنى مەركىزى كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ سىياسى قانۇن ئىشلىرىغا مەسئۇل دائىمى ئەزاسى جاۋ يۈڭكاڭ بىلەن خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

جاۋ يۈڭكاڭ بىلەن مېڭ جيەنجۇ ئۆتكەن يىلى تىبەت ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرۇش ئىشلىرىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان شەخسلەر ئىدى.