خۇ جىنتاۋ بۇنى بۈگۈن بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيى زالىدا، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما بايانات يىغىنىدا ئاشكارىلىغان.
قوشما بايانات يىغىنىدا ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
خۇ جىنتاۋ قوشما بايانات يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: " خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كېلىشەلمەسلىكلەرنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى نورمال، مۇھىمى قارشى تەرەپنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشتۇر."
قوشما بايانات يىغىنىدا ئوباما ئۆزىنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىن بىرى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى، بۇ پرىنسىپنىڭ بارلىق ئىنسانلارغا تەئەللۇق بولغان تۈپ ھوقۇقلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، "مەزكۇر پرىنسىپ ھەرگىز بىزنىڭ دۆلىتىمىزگىلا خاس بولغان پرىنسىپ ئەمەس، بۇ بىر ئۇنىۋىرىسال ھوقۇق؛ بۇ بارلىق خەلقلەر، بارلىق مىللەتلەر، بارلىق دىنىي گۇرۇپپا ۋە ئاز سانلىقلار بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇق،" دەپ كۆرسەتكەن.
ئوباما يەنە، خۇ جىنتاۋ بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلەشكەندە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، بىراق، خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى تىز بىر تەرەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
