ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا زىمىن تالاش - تارتىشى قايتىدىن قوزغالدى

ياپونىيە پارلامىنىتى تۈنۈگۈن رۇسىيە ئىگەللىۋالغان زىمىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن بايان قىلىشىچە، 60 يىلدىن بۇيان ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىشتا تۇرۇۋاتقان كۇرېلى ئاراللىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياپونىيە پارلامىنتى تۈنۈگۈن ماقۇللىغان يېڭى قانۇن لايىھىسىدە، ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى تۆت ئارالنى، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىاقى بېۋسىۋالغان، ياپونىيە 'ئەسلىدىكى ئۆز زىمىنى' گە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ياپونىيە پارلامىنىتى رۇسىيە بىلەن تالاش - تارتىشتىكى تۆت ئارال مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى قارار لايىھىسى ماقۇللىغاندىن كېيىن، رۇسىيە بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولدى. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېنجىلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان دېپلوماتىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارنى ھازىر ئىس - تۈتەك قاپلىدى.

ياپونىيە بىلەن رۇسىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىمىن مەسىلىسى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلۈك مىللىي ھېسيات ئاساسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىدى. ھازىر بۇ مەسىلىسدە بىر - بىرىگە يول قويۇش بىر مۈشكۈل مەسىلە بولۇپ قالدى.