شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ياپونىيە پارلامىنىتى رۇسىيە بىلەن تالاش - تارتىشتىكى تۆت ئارال مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى قارار لايىھىسى ماقۇللىغاندىن كېيىن، رۇسىيە بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولدى. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېنجىلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان دېپلوماتىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارنى ھازىر ئىس - تۈتەك قاپلىدى.
ياپونىيە بىلەن رۇسىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىمىن مەسىلىسى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلۈك مىللىي ھېسيات ئاساسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىدى. ھازىر بۇ مەسىلىسدە بىر - بىرىگە يول قويۇش بىر مۈشكۈل مەسىلە بولۇپ قالدى.
