بىرلەشمە باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە بېرىدىغان بۇ ياردەم بىلەن ئەمدى مىكون رايونىدا دېڭىز پورتلىرىنى، ئايرىدروملارنى، ئېلىكتىر قۇۋىتى سېستىمىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق 63 چوڭ قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن، بۇنىڭغا شۇ رايوندىن 30 مىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىنىدىكەن.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۈگۈن يەنە، خىتاينىڭ خاڭجۇ، چىڭداۋ، شامېن قاتارلىق ئۈچ شەھىرىگە قاتنايدىغان يۇلۇچى ئايرۇپىلانلىرىنى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن باشلاپ توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
