ياپونىيە باش مىنىستىرى مىكوڭ رايونىغا 5 مىلياردا 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەرمەكچى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇكىئو خاتوياما مىكوڭ دەرياسى رايونىدىكى ۋېتنام، تايلاند، لاۋۇس، كامبودىيە، بېرما دۆلەت باشلىقىلىرى بىلەن، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان تەسىرىنى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 'خەلقئارا ۋەزىيەت'نى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئىككى كۈن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، مېكوڭ رايونىغا 5 مىلياردا 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى.

بىرلەشمە باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە بېرىدىغان بۇ ياردەم بىلەن ئەمدى مىكون رايونىدا دېڭىز پورتلىرىنى، ئايرىدروملارنى، ئېلىكتىر قۇۋىتى سېستىمىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق 63 چوڭ قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن، بۇنىڭغا شۇ رايوندىن 30 مىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىنىدىكەن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۈگۈن يەنە، خىتاينىڭ خاڭجۇ، چىڭداۋ، شامېن قاتارلىق ئۈچ شەھىرىگە قاتنايدىغان يۇلۇچى ئايرۇپىلانلىرىنى 12 ‏ - ئاينىڭ 7 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.