ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئالدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن شەرقىي دېڭىزدا خىتاينىڭ 'فۇجيەن ' 5179 بەلگىلىك بېلىقچى كېمىسى ياپونىيىنىڭ چارلاش كېمىلىرىگە ئۇدا ئىككى قېتىم سوقۇلغاندىن كېيىن، ياپونىيە خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى 'قانۇنسىز بېلىقچىلىق' دەپ ئەيىبلەشكە، خىتاي ياپونىيىنىڭ ھەرىكىتىنى 'قانۇنىسىز توسقۇنلۇق قىلىش' دەپ ئەيىبلەشكە باشلىغان ئىدى.

بۈگۈن ئەتىگەندە، ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆز - ئارا ئەيىبلەشنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن 30 نەچچە ئادەم خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا كېلىپ 'ياپونلار دېڭىزدىكى ئاراللاردىن چىقىپ كەتسۇن' دەپ شۇئار توۋلىدى. خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلانغان ياپونلارغا بولسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 'ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىپلا'ر دەپ نەسىھەت قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى خۇ زېڭيۈ ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ياپونىيە باش مىنىستىرى نائوتو كان بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ 'بىز بۇ مەسىلىنى ياپونىيە قانۇنى بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىمىز' دەپ جاكارلىدى.