ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە،ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىرىنى سوتلاشنى توغرا دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ياۋرۇپا بىرلىكى ھەر قانداق بىر شەرت - شارائىت ئاستىدا ئۆلۈم جازاسىغا قەتئىي قارشى،" دېدى.
ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينىڭ جازا ھۆكۈم قىلىشتا خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئادىل سوتلىنىشى ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
