ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىكى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ قارارىغا قارشى چىقتى ۋە "جۇڭگو بۇ مەسىلىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ،" دەپ جاكارلىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تۆكۈپ سېتىلىۋاتقان ماللىرى ئاپتوموبىل سانائىتى، قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكترونلۇق ئەسۋاب سەپلىمىلىرى ۋە باشقا ھەر خىل مىخ، بولتا مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
