پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى مۇستەقىل دۆلىتىدە خىتاي مىللىتىگە قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلگەن

ئوكيانىيە قىتئەسىگە جايلاشقان پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى مۇستەقىل دۆلىتىدە خىتاي مىللىتىگە قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ نامايىشچىلار مەزكۇر دۆلەت پايتەختىدىكى خىتاي دۇكانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىغاچقا ھۆكۈمەت ساقچى ئەۋەتىپ خىتايلارنىڭ سودا سارايلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر بولغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۋىنىيىلىكلەر ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى پايتەخت مورېسبى پورتىدا، مەزكۇر دۆلەتتە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نامرات قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ سودا ئەخلاقىدىكى ناچارلىقلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ نامايىش قىلغان بولۇپ، نامايىش ئاخىرىدا توپىلاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن.

نامايىشچىلار يەنە، بۇ دۆلەتتىكى خىتايلارنىڭ قارا گۇرۇھلارنى تەشكىللەپ جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى سېتىۋېلىپ چىرىكلەشتۈرگەنلىكىگە نىسبەتەن نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىشتىن كېيىن، نامايىشچىلار خىتاي دۇكانلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن ھۆكۈمەت ساقچى ئاجرىتىپ خىتايلار ئىگىدارچىلىقىدىكى سودا مەركەزلىرىنى قوغدىغان، نۆۋەتتە نامايىشنىڭ تىنجىتىلغانلقى ھەققىدە خەۋەرلەر مەيدانغا كەلمەكتە.

خىتاي پۇقرالىرىغا قارشى توپىلاڭلار مەزكۇر رايونغا قوشنا ئەللەردىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، 1999 - 1996 - يىللىرى ھىندونېزىيىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ خىلدىكى قارشىلىق نامايىشلىرىدا خىتايلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.