شىنخۇئا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي قانۇن تارماقلىرى يەكشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يىڭنە ھۇجۇمى قوزغىغانلارنىڭ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، يىڭى ھۇجۇم ھەققىدە ساختا ۋەقە ئويدۇرۇپ چىرىپ، يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلار جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۈرۈمچىدە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋىرۇس قاچىلانغان شپىرىس بىلەن باشقىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىدە ۋەھىمە پەيدا بولغان ئىدى.
ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرى 2 - سېنتەبىردىن بۇيان نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار ئۇيغۇر ئېلىدە 14 يىل باشلىق بولغان ۋاڭ لېچۈئەننى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە قىستىغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2 - سېنتەبىردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا 5 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىك سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە يەكشەنبە كۈنىمۇ نامايىش بولغان. بىخەتەرلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارنى ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى ئېتىپ تارقاتقان.
