تۇرپان ۋىلايەتلىك دائىرىلەرنىڭ تۇرپاندىكى ئىككى ناھىيە، بىر شەھەردە چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ياكى ساياھەتكە بارغانلارنى تىزىملاۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنى بىر جايغا توپلاپ «ئۈچ خىل ئۆگىنىش» كە تەشكىللەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز جەريانىدا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىشىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا يەنە، تۇرپاننى مەركەز قىلغان شەرقىي ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ جىددىي تۈردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى.
تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاستانا يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەسئۇل ساقچى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى ئاڭلىغان ھامان، ئالدى بىلەن كىملىك نومۇرىمىزنى دېيىشىمىزنى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ رۇخسەت خېتىنى كۆرسىتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى.
بىز ئارقىدىن تۇرپان كوناشەھەر ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ يەردە نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئۇنىڭدىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىشىنىڭ تەپسىلاتىنى سورىغىنىمىزدا، مەزكۇر ئۇيغۇر ساقچى قېشىدىكى خىتاي باشلىقىدىن بۇ ھەقتە كۆرسەتمە سورىدى. خىتاي ساقچى باشلىقىنىڭ نەق مەيداندا بەرگەن بۇيرۇقىدىن كېيىن، مەزكۇر ئۇيغۇر ساقچى بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ گەپ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بىز ئاخىرىدا تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. توقسۇن ناھىيە ئىلانلىق يېزىلىق ساقچىخانىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىشى توغرىلىق مەن تەپسىلىي بىلمەيمەن. مەن بۇ ساقچىخانىغا ئىشقا چۈشكىلى ئۇزۇن بولمىدى. يېقىندا ياردەمچى ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنغان ئىدىم. توقسۇن تەۋەسىدىن چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىدىغانلار ياكى چەتئەلدىكى ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەنلەر ئالغۇيدىكى تەربىيەلەش مەركىزىگە چاقىرتىلىپ، ‹سىياسىي تەربىيە› ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.»
ئارقىدىن ئىلانلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقىمۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئىلانلىق تەۋەسىدىن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققانلار يوق دېيەرلىك. شۇڭا بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما، بىزدە ساياھەتكە بارغانلار ياكى ساياھەتكە چىقىپ قايتىپ كەلگەنلەر كۆپ بولۇۋاتىدۇ. ناھىيەمىز ئۇلارنى توپلاپ، ئالغۇيدا مەخسۇس تەلىم-تەربىيەگە قاتناشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار ‹ئۈچ خىل ئۆگىنىش› كە تەشكىللەندى. ‹ئۈچ خىل ئۆگىنىش› دېگىنىمىز، ‹دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈمىنى ئۆگىنىش›، ‹قوش تىل ئۆگىنىش› ۋە ‹مۇقىملىق ھەققىدىكى بەلگىلىمە ۋە نىزاملارنى ئۆگىنىش› نى كۆرسىتىدۇ. ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن كوللېكتىپ ساياھەت ئۆمەكلىرى بىلەن چەتئەلگە چىقىدىغانلار ئالدى بىلەن ‹ئۈچ خىل ئۆگىنىش› نى تاماملىشى كېرەك.»
ئىلانلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ئاشكارىلىغان مەزكۇر ئۇچۇرلار دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە چەتئەلگە ساياھەتكە چىقماقچى بولغانلارغا قارىتا «مېڭە يۇيۇش» تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.