24-ئىيۇلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا-ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى « بىلال نازىم» كافېيخانىسىدا فىرانسىيە پايتەختى پارىژ شەھىرىدە 11-ئىيۇلدىن 13-ئىيۇلغىچە چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر پائالىيەتكە ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەمدە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر، قاراساي ۋە جامبۇل ناھىيىلىرىنىڭ مەھەللە-يېزىلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، زىيالىيلار، ياشلار بولۇپ 200دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.
سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى پارىژدا ئۈچ كۈن مابەينىدە ئۆتكەن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى قۇرۇلتىيى قارىغان ۋە مۇھاكىمە قىلغان مەسىلىلەر، ئالغان قارارلار، شۇنداقلا مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ماھىيىتى، پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي لىدېرى رابىيە قادىر خانىم ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات قىلدى.
بۇ مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تىلشۇناس دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مائارىپ تەقدىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرسە، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف بولسا، قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ قۇرۇلتايغا ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن قاتناشقانلىقىنى، رابىيە قادىرنىڭ بىر پۈتۈن خەلققە ئانا سۈپىتىدە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى تارىخچى قاسىم مەسىمى، تالغىر ناھىيىسى تۇزدىباستاۋ يېزىسىنىڭ ئاقساقاللار كېڭىشى رەئىسى ئالماسخان، ئالماتا شەھىرى گورنىي گىگانت مەھەللىسى تۇرغۇنى تىلىۋالدى قۇربانوف، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئىلشات ئىمىنوف، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت رەئىسى ئابدۇرۇپ مەخسۇمنىڭ ئوغلى ئازتېكىن ئىبراھىموف ۋە باشقىلار رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى، ئۇيغۇرلار ئالدىدا تۇرغان تىل، دىن، مائارىپ ۋە باشقىمۇ مۇھىم مەسىلىلەر، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى ئاسىمجان قەمبەروف مەزكۇر باش قوشۇشتا قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرىدىن كۆپلىگەن ياخشى خەۋەرلەرنى ئالغانلىقىنى، قۇرۇلتاي جەريانىنىڭمۇ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ئەركىن ئالىپتېكىن ئوتتۇرىغا قويغان ھەر تۈرلۈك تەشكىلاتلارنى يىغىپ، رابىيە قادىرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلايلى دەپ ئېيتقان پىكرىگە، باشقىلارمۇ ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ، رابىيە قادىرنى مىللىي لىدېرىمىز دەپ ئېلان قىلغانلىقىغا بىز ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق. بىز ئەركىن ئالىپتېكىنگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە رابىيە قادىرنى تەبرىكلەيمىز.»
ئا. قەمبەروف رابىيە قادىرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى بولۇپ قالغانلىقىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى، رابىيە قادىرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ھال-ئەھۋالىنى چۈشەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىردىن-بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شۇنداقلا ق. غوجامبەردىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر لىدېرى سۈپىتىدە تونۇيدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ ق. غوجامبەردىدەك شەخسلەرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ ھەل قىلغۇچى رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ غەلىبىلىك قۇرۇلتىيىدۇر.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئىلشات ئىمىنوف بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن كۆپ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پارىژدا ئۆتكەن بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى توغرىلىق باي مەلۇماتلارنى ئالدۇق. مۇشۇ يىغىنغا بېرىپ كەلگەن بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز ئالدىغا قويغان ۋەزىپىلىرىنى بىزگە يەتكۈزدى. بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، ياشلار ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر بار. بۇ قېتىمدا ئەنە شۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي لىدېرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورۇنباسارى بولۇپ ئەركىن ئەخمەتوفنىڭ سايلانغانلىقىنى بىز، ياشلار، ئالاھىدە خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدۇق. مەن بۇ يەردىكى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى قازاقىستان ياشلار بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن. بىزمۇ مۇشۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىز ئوخشاش مىللەتلەرگە بەرگەن ھوقۇقلىرىدىن پايدىلانغان ھالدا، ياشلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيىلەش، ئۇلاردا ئۆز خەلقىنىڭ ھەم باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ، بىرىنچى نۆۋەتتە قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمەت سېزىملىرىنى، ئانا تىلىنى ساقلاش، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش ئوخشاش ئۇلۇغ پەزىلەتلەرنى، دوستلۇق، بىرلىك، رازىمەنلىك ئوخشاش ئالىي قەدرىيەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز.»
ئى. ئىمىنوف شۇنداقلا كېلەچەكتە ئەنە شۇ ئەركىن ئەخمەتوف ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى باشقىمۇ ۋەكىللىرى بىلەن، شۇنداقلا باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بار كۈچىنى چىقىرىشقا ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بارلىق قازاقىستانلىق ياشلار نامىدىن پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.