«ھالال» بەلگىلىرىنىڭ چەكلىنىشى ھەمدە «ھالال»لىقنىڭ سىياسىيلىشىشى (1)

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا بەلگىلىمە چىقىرىپ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىغا «ھالال» بەلگىسىنى ئېسىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. يەرلىك دائىرىلەر بولسا بۇنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ روھى بويىچە چىقىرىلغان بەلگىلىمە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىرنەچچە چوڭ سودا دۇكىنىنىڭ خوجايىنلىرى بۇ يېڭى سىياسەتلەرنىڭ ئاللىقاچان ئەمەلىيلىشىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەزمۇنلارنى يوقىتىش ياكى سۇسلاشتۇرۇشقا مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلاردىكى «ھالال» لىق چۈشەنچىسىگە قارىتىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىنقى نەتىجىسى سۈپىتىدە يېقىندا تارقىتىلغان «مۇسۇلمانچە يېمەكلىك بەلگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى» نى كۆرسىتىش مۇمكىن.

ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتە مابەينىدە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان بۇ ھەقتىكى يېڭى بەلگىلىمە، قارىماي شەھەرلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ نامىدىن تارقىتىلغان. مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمە بويىچە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغا 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ «مۇسۇلمانچە» دېگەن ئۇيغۇرچە خەت ۋە خىتايچە «清真» دېگەن خەتتىن باشقا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك بەلگىسى سېلىش مەنئى قىلىنىدىكەن. بۇ بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەسچىتنىڭ شەكلى، ئاي-يۇلتۇز، كەلىمە شاھادەت ياكى ئەرەبچە «ھالال» دېگەن خەت ياكى شۇلارغا ئوخشاپ قالىدىغان بەلگىلەرنى يېمەكلىك قېپىغا يېزىشقا بولمايدىكەن.

بىز بۇ ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قارىماي شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. تېلېفوننى ئالغان خىزمەتچى خادىم ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ ئادەتتە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىز، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىغا تېلېفون بېرىپ، بۇ يېڭى بەلگىلىمە ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدۇق. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل بەلگىلەرنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىشتىن كېيىن تاللاپ چىقىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر مەقسەتنىڭ «مۇسۇلمانچە» ياكى «ھالال» بەلگىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇنلىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بېسىلىشىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گەرچە بۇ خادىم بۇ يېڭى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئېھتىيات قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە تارقىتىلغان تەشۋىقات ۋەرەقىسىدىكى مۇنۇ قۇرلار بۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ئورالمىسىنىڭ سىرتىغا «ھالال» دېگەن خەتنى يېزىشقا بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان تەشۋىقات ۋەرەقىسىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «‹ش ئۇ ئا ر مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى› دىكى بەلگىلىمىلەر، ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەر ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي ئىشلار كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تاۋار ئورالمىسى ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىدە ‹ھالال› مەسىلىسىنى بىرياقلىق قىلىش ھەققىدىكى ھۆججىتىنىڭ روھى بويىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بىخەتەرلىك خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش يۈزىسىدىن تاۋارلارنىڭ تاشقى ئورالما قاپلىرىدىكى ۋە ئېلانلاردىكى ‹ھالال› بەلگىسىگە دائىر مەزمۇنلارنى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تەكشۈرۈپ بايقالغانلىرى بىردەك يوقىتىلىدۇ.»

بىز مۇسۇلمانچە يېمەكلىك بەلگىلىرى ھەققىدىكى بۇ چەكلىمىنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلار بىر قەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان نىڭشيا ۋە گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا قانداق بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، خىزمەتچى خادىم ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى ئۆزلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان ئۆلكە ياكى ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز لازىملىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن بىز، تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان قارىماي شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن ئالاقىلەشتۇق ھەمدە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدۇق. مەسئۇل خادىم بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار ھۆججەتلەر بۇ يېڭى بەلگىلىمىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىۋاتقان بولغاچقا، بىز مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى بىرنەچچە چوڭ ماگىزىنلار بىلەن ئالاقىلەشتۇق. يېڭى شەھەر رايونىدىكى «ئەل-ئەمىن» تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ كەلگەنلىكىنى، شۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە دۇكاندىكى يېمەكلىكلەرگە بېسىلغان بارلىق مۇسۇلمانچە بەلگىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ھازىر ئاي-يۇلتۇز ياكى مەسچىتلەرنىڭ بەلگىسى بولغان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

خەلق مەيدانى ئەتراپىدىكى يەنە بىر تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان گەپلەرنى قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن بىرەر ئايلار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار يېڭى بەلگىلىمىدىكى نۇسخىدا «مۇسۇلمانچە» دېگەن بەلگىنى چاپلاشنى باشلاپ بولۇپتۇ.

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» تەۋەسىدىكى يەنە بىر دۇكان خوجايىنى ئۆز دۇكىنىدا گۆش سېتىلمايدىغانلىقىنى، كونا بەلگىلەردىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى تېزرەك قولدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاچ، ھازىر «سەزگۈر» بەلگە چاپلانغان ھېچقانداق مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياڭزىجياڭ يولىدىكى «ياۋيۇەن تاللا بازىرى» دا ئىشلەۋاتقان خىزمەتچى خادىم ئۆزلىرىنىڭ دۇكىنىدا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەردىن تېخى يېرىم سائەت ئىلگىرى ئېلىپ كېلىنگەن «خالىدە» بولكىلىرى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئالاقىدار بەلگىلىمىدىكى «مۇسۇلمانچە» دېگەن خىتايچە ئىككى خەتنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

‏- «مۇسۇلمانچە» دەپ بەلگە قويۇلغان ماللارنىڭ ھەممىسىنى زاۋۇتقا قايتۇرۇۋەتتۇق، ھازىر ئۇلارنىڭ ئورنىدا پەقەت ئاشۇنداق "مۇسۇلمانچە" دېگەن خەتلەر چاپلانمىغانلىرىنى تىزىپ قويدۇق.

- سىلەرنىڭ دۇكاندا ئاساسلىقى قانداق مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سېتىلىدۇ؟

- مۇسۇلمانچە يېمەكلىك دېسىڭىز، بىزدە ھازىرچە پەقەت بولكىلا بار. ئۇنىڭغا «مۇسۇلمانچە» دەپ يېزىلغان.

- ئۇنداقتا ئۇنىڭ قېپىغا قايسى بەلگە چاپلانغان؟

- ئورالما قاپقا دېمەكچىمۇسىز؟

- شۇنداق، شۇنداق.

- ئادەتتە ئۇلارغا «مۇسۇلمانچە» دېگەن خەتلەر ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىلىدىغۇ. ھەي بالىلار، ئاۋۇ «خالىدە» بولكىسىدىن بىرنى ئەپكېلىڭلار. قايسىسىلا بولسا بولۇۋېرىدۇ. قېنى، مەن قاراپ باقاي: «شىنجاڭ خالىدە چەكلىك شىركىتى» دەپتۇ، بۇ «خالىدە بولكىسى» دا «مۇسۇلمانچە» دېگەن بەلگە يوق ئوخشىمامدۇ.... ياق، باركەن، باركەن. «چىڭجېن» (مۇسۇلمانچە) دېگەن ئىككى خەتنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە خەتلەر بېسىلىپتۇ.

-ھېلىقىدەك ئەرەبچە «ھالال» دېگەن خەت بارمىكەن؟

- ياق. ئۇنداق خەت يوق ئىكەن. بارى پەقەت شۇ «چىڭجېن» دېگەن خەتنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەت شۇ. مەن ئۇنى ئوقۇيالمىغاندىكىن، ئۇنىڭ نېمە دېگەن گەپ ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم.

- بوپتۇ، ماقۇل ئەمىسە. رەھمەت سىزگە.

- ئەرزىمەيدۇ.

زىيارىتىمىز جەريانىدا، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دۇكانلارنىڭ ھېچقايسىسىدا يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك بەلگىلىرىگە خىلاپ كېلىدىغان بەلگە بېسىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ قالمىغانلىقى، بۇ تەدبىرنىڭ تېزدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيىلەرگە كېڭىيىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.