ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 6- ۋە 7-ئاۋغۇست كۈنلىرى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ، تونۇرچى، ئىسسىق كۆل يېزىلىرىنى زىيارەت قىلغان.
بۇ، خىتاي سىياسىي بيۇرو ئەمەلدارىنىڭ 28-ئىيۇل «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» قانلىق باستۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، تۇنجى رەت بۇ يېزىنى زىيارەت قىلىشى. ئۇ، ئېلىشقۇ بارازلىق ھۆكۈمەت قورۇسىدا بىر قىسىم يەرلىك دېھقانلار، ئوقۇتقۇچىلار، دىنىي زاتلار، يېزا،كەنت باشلىقلىرىنى يىغىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېلىشقۇ ۋەقەسى»دە 98 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، ۋەقە دىنىي ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ «زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى باستۇرۇشتا تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قوللانغان ئىدى.
د ئۇ ق بولسا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قوراللىق باستۇرغانلىقىنى، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 2000 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت نى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ئىدى.
ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى قانداق؟ بىز بۇ ھەقتە جاڭ چۈنشيەننىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خاڭدى ۋە ئېلىشقۇدىكى ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.
