توخۇلا ساقچىخانىسى بىلەن خوتەندىكى يەرلىك ئاھالىلەر بىر قىسىم مۇسۇلمانچە ئىسىملارنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى دەلىللىدى

0:00 / 0:00

يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ساقچىخانىلار بىرلىشىپ خەلقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە «مۇجاھىت، مۇسلىمە، سەيپىدىن» قاتارلىق مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى قويۇشىنى چەكلىگەن.

بۇ ھەقتىكى بىر يازما ئۇقتۇرۇش ئەڭ دەسلەپ ئۈندىدار ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئاشكارا بولغان.

«چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئوغۇللارغا «سادام، ھۈسەيىن، ئارافات، مۇجاھىت، سەيپىدىن، سەيپۇللا، نەسرۇللا، شەمشىدىن» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ئىسىملارنى، قىزلارغا «مۇسلىمە، مۇخلىسە، ئايشە، فاتىمە. خەدىچە» قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇشقا بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

تىزىملىك قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىغا قاراشلىق توخۇلا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان.

بىز مەزكۇر تىزىملىكنى چىقارغان توخۇلا يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ بۇنى دەلىللەشكە تىرىشتۇق.

قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق توخۇلا يېزىلىق ساقچىخانا بۇ ھەقتىكى ئىچكى ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلىق سىياسىي قانۇن ئىشخانىسىنىڭ ئاخۇنۇملارغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا بىر ساقچى خادىمى مۇنۇلارنى ئاشكارا قىلدى: «بىز ساقچىخانىدا بۇ تىزىملىكنى ساقلاپ قويماپتۇق، ئەمما يېزىلىق سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى كەنت ئاھالىلىرىگە بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇقتۇرۇش قىلغان. ئاخۇنۇملارغىمۇ ئايرىم يىغىن ئېچىپ ئۇقتۇرغان. خوتەن تەۋەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر قانداق ئىسىملارنى قويسا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.»

بىز بۇ ھەقتە يەنە لوپ ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىلىق ساقچىخانىسى بىلەن يەكەننىڭ كاچوڭ يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇلار تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئاخىرىدا نىيە ناھىيەسىنىڭ مەلۇم كەنتىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ كەنت ساقچىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن «مۇسلىمە» ئىسىملىك قىزىنىڭ ئىسمىنى يۆتكەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.