خىتاي باي ۋەقەسىدە ئاشكارىلاشقا پېتىنالمىغان رېئاللىقلار (2)

0:00 / 0:00

خىتاي نېمە ئۈچۈن ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى ساقچى باشلىقىدىن مەمەت توختىنىيازنى كۆككە كۆتۈرۈپ ۋۇ فېڭنى «ئۇنتۇدى»؟

خىتاينىڭ باي ۋەقەسى ھەققىدىكى يېقىنقى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە ئۆلگەن ئاقسۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى مەمەت توختىنىياز ھەققىدە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ-كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدە ئەڭ دەسلەپتە ئۆلگەن 5 نەپەر ساقچى، جۈملىدىن، تېرەك بازار ساقچىخانا باشلىقى ۋۇ فېڭ ھەققىدە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزمىگەن ياكى ئۇنىڭ مۇراسىمى خەۋەر قىلىنمىغان. ھەتتا خىتاي ساقچىخانا باشلىقى ۋۇ فېڭنىڭ نامىمۇ خىتاي خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغان. سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىمىزدا، خىتاينىڭ باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچى باشلىقلىرىدىن مەمەت توختىنىيازنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ۋۇ فېڭ ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى.

1-دىئالوگ

سوئال: ھۆرمەتلىك مەمەت توختى ئەپەندى، تېمىمىزغا ئۆتۈشنىڭ ئالدىدا بىز بۇرۇن ئىگىلىگەن بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە قايتا ئاڭلاپ باقايلى:

مۇخبىر: تېرەك بازار ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى كىمۇ؟
خادىم: ۋۇ سوجاڭ.
مۇخبىر: مۇئاۋىن باشلىقىچۇ؟
خادىم: قۇربانجان
مۇخبىر: ۋەقەدە ئىككىسىدىن قايسى ئۆلدى؟
خادىم: ۋۇ سوجاڭ ئۆلدى، قۇربانجان دوختۇرخانىدا.

2-دىئالوگ

مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ سانىنى قانچە دەپ ئاڭلىدىڭىز؟
پونكىت باشلىقى: ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ۋۇ فېڭنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، باشقا ئەھۋالنى ئۇقمىدىم.
مۇخبىر: بۇنى قانداق ئۇقتىڭىز؟
پونكىت باشلىقى: ۋۇ سوجاڭ بىزنىڭ ماي پونكىتتىن نېسىگە ماي قاچىلايتتى، قايسى بىر كۈنى ساقچى كەپتىكەن، بۇ ھېسابنى قاچان قىلىمىز دەپ سورىسام، ۋۇ سوجاڭ ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتتى، خاتىرجەم بولۇڭ پۇلنى بىز بېرىمىز دېدى، ئۇ كىشى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئۆلۈپتۇ...

مەمەت توختى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت:

سوئال: مەمەت توختى ئەپەندى، مانا ئاڭلىغىنىمىزدەك، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا بەش نەپەر ساقچى يەنى ۋۇ سوجاڭمۇ بار، سىزچە نېمە ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ساقچى باشلىقى مەمەت توختىنىيازنى كۆككە كۆتۈرگەندەك ۋۇ فېڭنى كۆتۈرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيدۇ، ياكى خەۋەرلەردە نامىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ؟

جاۋاب: مەنچە ئۇلارنىمۇ خاتىرىلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ، بەلكىم تېخى جىقراق، ئەمما داغدۇغا قىلماي قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مەمەت توختىنىيازنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈشىگە كەلسەك، بۇ نىشانلىق بىر سىياسىي تەشۋىقات، يەنى مۇنقەرز دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مۇستەملىكىسىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش تاكتىكىسىنىڭ بىر پارچىسى. خىتاي بۇ تەشۋىقات ئارقىلىق ساقچى قوشۇنىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ۋە شۇ تىپتىكىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايدۇ.

سوئال: يەنە بىر نۇقتا بار، بىز بۇرۇن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئەڭ دەسلەپتە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بارغان ساقچىلار ھۇجۇمچىلار بىلەن ئۇچراشقاندا قورقۇپ كەتكەن، بەزىلىرى ھوشىدىن كەتكەن، بەزىلىرى قېچىپ ئۆزىنى دەرياغا ئېتىپ جېنىنى قۇتقۇزغان، بۇ خەۋەرلەرنىمۇ قايتىدىن بىر ئاڭلايلى:

3-دىئالوگ

مۇخبىر: قۇربانجان بىلەن يەنە بىر ساقچى ۋەقەدە قانداقلارچە ئامان قالغان؟
خادىم: قېچىپ دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ ئامان قىلغان، چۈنكى سوغان كۆمۈر كېنىنىڭ ئۇدۇلىدا بىر دەريا بار، شۇ دەرياغا ئۆزىنى ئاتقان.

مەمەت توختى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ داۋامى:

سوئال: مانا مۇشۇ تەپسىلات كۆزدە تۇتۇلسا، ۋۇ فېڭمۇ قۇربانجانغا ئوخشاش قورقۇپ كەتكەن، ھەتتا بەزىلەر دېگەندەك ھوشىدىن كەتكەن ئەھۋال بولسا، ۋۇ فېڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان ياكى قىلالمىغان دېگەن قاراش بىلەن ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى تەشۋىق قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ياكى بۇ يەردە ساقچىلارنىڭ ئوبرازىنىڭ خۇنۇكلىشىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋۇ فېڭ تىلغا ئېلىنمايۋاتامدۇ؟

جاۋاب: ئۇنداقمۇ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كۆپرەك ئېھتىمال مەنچە، خىتاي ساقچىلارنى ئۈركۈتۈپ قويماسلىق، ئۇلارنى جاسارەتسىزلەندۈرىدىغان، ئۇلاردا جىددىي پەيتلەردە ئارقىسىغا داجىيدىغان بىر پسىخىك ھالەتنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى دەپ قارايمەن.

سوئال: دېگىنىڭىزدەك، خىتاي خەۋەرلىرىدە ساقچى باشلىقى مەمەت توختىنىيازنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تەپسىلىي بېرىلمىدى، مەسىلەن تەسلىم بولغان گۇماندار تۇرغۇن مەمەت خەۋەردە مۇنداق دەيدۇ: «مەمەت جۈيجاڭ كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇلار(غار ئىچىدە مۆكۈنۈپ ياتقان گۇماندارلار) ئېتىلىپ چىقىپ ئۇنىڭ ئېتىنى ئۈركۈتىۋېتىپتۇ، ئۇ ئاتتىن يىقىلىپ 7-8 مېتىر سۆرىلىپ مېڭىپ بېشى يېرىلىپتۇ....» خەۋەردە تۇرغۇن مەمەتنىڭ گېپى دەل مۇشۇ نۇقتىدا كېسىۋېتىلىدۇ، ئەڭ مۇھىم قىسمى ئۇنىڭ غارنىڭ ئىچىدە قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، مەسىلەن پىچاق تىقىپمۇ ياكى مەمەتنىڭ ئۆزىنىڭ قورالى بىلەن ئېتىپمۇ؟ دېگەندەك.

ئوخشاشلا كۆمۈركان ئىشچىلىرىنىمۇ خەۋەردە «ئۆلدى» دەپ دېيىلىدۇ، ئەمما قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمايدۇ، ئەمما غار ئىچىدىكى گۇماندارلارنى ئوتچاچار بىلەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، قېچىپ چىققانلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى تەپسىلىي يازىدۇ، خىتاي ئۆلۈم جەريانىنى تەپسىلىي بايان قىلماسلىق ئېھتىياتچانلىقىنى نېمە ئۈچۈن گۇماندارلارنىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسىدە كۆرسەتمەيدۇ؟

جاۋاب: بۇ يەردە ئىستراتېگىيە مەسىلىسى بار. خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاساسلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسى كۆپلەپ نوپۇس كۆچۈرۈپ، رايوننىڭ دېموگرافىيەسىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننى يۇتۇۋېلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئۇ يەرگە ئايىماي مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، نوپۇس يۆتكەۋاتىدۇ. خىتاي ئۈچۈن نوپۇسنى يۆتكەشلا كۇپايە ئەمەس، ئۇ نوپۇس ئۇ يەردە تۇرۇش كېرەك، تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلاردا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك، ساقچىلارنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقى، ئىشچىلارنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۇ مەقسەتكە مۇخالىپ، پەرق شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.