ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەردىكى چاغان بايرىمى تەشۋىقاتى كۈچەيدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.02.06
xitay-uyghur-nikah-toy-toylishish.jpg خىتاي يېزا كادىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 30-ئىيۇن، چەرچەن.
news.ts.cn diki munasiwetlik maqalidin élin’ghan

ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدار چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان، ئۇ يولغا قويغان قوشماق تۇغقان سىياسىتى ھەققىدىكى تەشۋىقات كۈچەيگەن ئىدى. خىتاينىڭ بۇ يىلقى چاغان بايرىمىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يەنە، مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىشىدىن بەرپا قىلىنغان كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەرنىڭ چاغان بايرىمىدىكى پائالىيەتلىرى تەشۋىقات ئوبيېكتى بولغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشتىكى مەقسىتى ۋە بۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ھەتتا خىتايدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق تورى قاتارلىقلارنىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمى مەزگىلىدىكى خەۋەرلىرىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىشىدىن شەكىللەنگەن كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەرنىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى سانلىرىدا «بايرىمىنى خۇشال-خۇرام باھار كۈتۈۋالايلى» تېمىسى ئاستىدا بېرىلگەن چاتما خەۋەرلەردە، مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن بالا بېقىۋالغانلار ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تويلىشىشىدىن شەكىللەنگەن كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەرنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى ئەھۋاللار بايان قىلىنىپ، بۇنداق ئائىلىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىلىك ئۈلگىسى دەپ مەدھىيەلەندى.

چاغان مەزگىلىدە يەنە، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تويلىشىشىدىن شەكىللەنگەن ئائىلىلەرنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە بۇ ئائىلىلەردىكى بىرقانچە مىللەتتىن شەكىللەنگەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى، بۇ ئائىلىلەردىكى «ئىناقلىق كەيپىياتى» ھەققىدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى يەنە خىتاي خەلق تورى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگو خەۋەرلىرى قاتارلىقلارنىڭمۇ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە كۆپەيگەن.

بۇلاردىن جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدا 6-فېۋرال ئېلان قىلىنغان «قورغاستىكى 4 مىللەتلىك ئائىلە چاغاندا بىر يەرگە جەم بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدىكى داغۇر مىللىتىدىن بولغان بىر ئائىلىدىكى 9 قېرىنداشنىڭ ئۇيغۇر، شېۋە، خىتاي قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان ئۆز-ئارا تويلىشىشىدىن شەكىللەنگەن 36 كىشىلىك چوڭ ئائىلىنىڭ قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئاكىسى يەنى 64 ياشلىق مىقات ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئايالى تۇرسۇنئاينىڭ ئۆيىدە چاغانلىق زىياپەتتە بىللە بولغانلىقى ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن كېلىن، كۈيئوغۇللۇق بولغان بۇ ئائىلىدىكى «قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىق كەيپىياتى» غا مەدھىيە ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللىي ئىناقلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلتۇر يىل بېشىدا ئالتايدىكى ھەنىپە ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال بېقىۋالغان ھەر مىللەتتىن بولغان يېتىم بالىلارنىڭ ھېيت، بايراملاردا ئۇيغۇر ئانىسى ھەنىپە خانىمنى يوقلاپ، بالىلىق مەزگىلىدە ئۇلارغا ئانىلىق مېھرىنى بەرگەن بۇ ئۇيغۇر ئانىغا، ئۇ ياشانغان مەزگىلىدە بالىلىق مېھرىنى ۋە ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلگەن. كېيىن بۇ ھەقتە يەنە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىممۇ ئىشلىنىپ پۈتكۈل خىتاي بويىچە تەشۋىق قىلىنغان ئىدى. ئۇندىن باشقا بۇلتۇر 5-ئاي مەزگىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يەنە قەشقەردىكى ھەربىي گازارمىدىكى خىتاي مىللىتىدىن بولغان بىر ئەسكەرنىڭ ئارزۇگۈل ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى بىلەن تويلاشقانلىقى، كورلا شەھىرى ۋە كورلانىڭ بۈگۈر قاتارلىق ناھىيىلىرىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن تويلاشقانلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇشلار تارقالغان ۋە كۆپ مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان ئائىلىلەردىكى «ئىناق كەيپىيات» مەدھىيەلىنىدىغان خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلگەن ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر، خىتاي ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىشىدىن شەكىللەنگەن كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەردىكى «ئىناق كەيپىيات» مەدھىيەلىنىدىغان خەۋەرلەر چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تويلىشىشىدىن شەكىللەنگەن ئائىلىۋى مۇناسىۋەت، ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىدە نورمال بىر ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان، ئۆز زېمىنىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن نازۇك ۋە جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىشى ۋە پەرزەنتلىك بولۇپ ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشۇشى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە ئەركىن ياشاۋاتقان خەلقلەر ئۈچۈن ئىنتايىن نورمال بىر ئەھۋال. شۇڭا غەرب دۆلەتلىرىدىكى تاراتقۇلار خەۋەرلىرىدە، مىللىي ئىناقلىق ۋە كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەردىكى ئىناق كەيپىيات ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئادەتتە ئۇچراتمايمىز ياكى ئىنتايىن ئاز كۆرىمىز. ئەمما، خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن دىنىي ۋە ئۆرپ-ئادىتى ئوخشىمىغان باشقا مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىپ ئائىلە قۇرۇش بۇ جىددىي مەسىلە. بولۇپمۇ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، رايوندا ئۇيغۇر، خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلاردا ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ساپلىقىنى قوغداش ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىق، ھەتتا ئۇيغۇر، خىتاي ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا نىكاھلىنىشىدىن شەكىللەنگەن كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەرنى مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ مەدھىيەلىشى، مېنىڭچە رايون ۋەزىيىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان ئىناق مۇقىم ۋەزىيەتنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.»

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئىناقلىقنى تەشۋىق قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ سۆزىدە: «ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلمىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، ئۆرپ-ئادىتى، ئېتىقادى، تىلى ۋە مىللىي مائارىپى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان شارائىتتا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل  ۋە مىللىي باراۋەرلىك ھوقۇقى بولمىغان سۈنئىي ئىتتىپاقلىق تەشەببۇسىنى ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەتتا شۇ جايدىكى كۆچمەن خىتايلارغا نىسبەتەن نەپرىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى رايوندا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

گېرمانىيەدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتىنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ كونكرېت سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭمۇ ئىلگىرى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى ئىجرا قىلىنمىغان ئەھۋالدا، بۇ خىل سۈنئىي بەرپا قىلىنغان مىللىي ئىناقلىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەشۋىقاتىنىڭ ئۈنۈمسىز قۇرۇق شوئار» دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.