خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلاردىن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ، كادىر ۋە كەسپىي خادىملارنى قەرەللىك تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە باشلىغان.
دائىرىلەر بۇ ھەرىكەتكە 200 مىڭ كادىرنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەت يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،، يەرلىكتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ مۇقىملىق تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
ھالبۇكى، بۇ ھەرىكەتكە 2 يىل بولۇپ قالدى. بۇ ئىككى يىلدا قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى؟ تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ ئۇلار قانداق مەسىلىلەرنى بايقىدى؟ بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ بىر ئۇيغۇر كادىرنى زىيارەت قىلدۇق.
غىياسىدىن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى مەلۇم بىر ئورگاننىڭ كادىرى. ئۇ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال تۆۋەنگە چۈشۈپ، خوتەندىكى مەلۇم بىر يېزىدا بىر يىل تۇرغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خوتەن يېزىلاردا ئائىلە ئەزاسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقىنى سىياسىي، دىنىي ئىشلارغا چېتىلىپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ ھاياتى ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا ئىكەن. غىياسىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئائىلىلەرگە «چېتىپ جازالاش» ئۇسۇلى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.