دائىرىلەرنىڭ «ئۆزىنى مەلۇم قىلىش» تەھدىتلىرى ئىككى ئاي داۋام قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.04.10
qizil-bayraq-qesem-berish.jpg خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە ئۆتكۈزگەن «تېررورلۇق» قا قارشى قەسەمياد يىغىنلىرىنىڭ بىرىدىن كۆرۈنۈش.
Social Media

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا «قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشى» نى تارقاتقانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پاش بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزدىن، دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش تارقاتقاندىن باشقا يىغىن ئېچىپ، دېھقانلارنى ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاراتقۇلىرىدىن «ئۇيغۇر نىداسى رادىئوسى» ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۆتكەن ھەپتە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئۈستۈن ئاتۇش ساقچىخانىسىنىڭ مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاممىنى ئەسەبىيلىككە دائىر جىنايەتلىرىنى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلىشنى ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلماي پاش بولۇپ قالسا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىدەك تەھدىتلەر ئارقىلىق زورلاۋاتقانلىقى پاش بولغان ئىدى.

ئۈستۈن ئاتۇش ساقچىخانىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان، ئۆتكەن ھەپتە تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشنىڭ ھۆججەت سۈرىتىدىن قارىغاندا، دائىرىلەر ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، بۇرۇن ئۆزى ياكى باشقىلار قىلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلىرىدىن دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، قانۇنسىز توپلىشىپ ناماز ئوقۇغان، يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەردە تەبلىغ ياكى دەرس ئالغان، «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ تەرىپىنى ئالغان ياكى ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان، يانفونىدا جىھاد فىلىملىرىنى كۆرگەن ياكى ساقلىغان ۋە ئويلىغان قىلمىشلارنىڭ قايسى بىرى سادىر بولغان بولسا، شۇنى تاپشۇرۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكى، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى مەلۇم قىلماي، كېيىن جىنايەتلىرىنى يوشۇرغانلىقى پاش بولۇپ قالسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرغان. شۇنىڭدەك يەنە بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئۈچ ئاي دەپ ئۇقتۇرۇلغان.

بىز بۇ ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان ئۈستۈن ئاتۇش ئېكساق ساقچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، مەسىلە تاپشۇرۇش خىزمىتىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك، تېلېفوننى ئالغان ياردەمچى ساقچى، ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنى سورىشىم ھامان مۇخبىر ئىكەنلىكىمنىمۇ پەرق ئەتمەي، مېنىمۇ مەسىلەمنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا ئۈندىدى ۋە «ئەڭ ياخشىسى ھۆكۈمەت تاپشۇر دېگەننىڭ ھەممىنى تاپشۇرۇڭ، ئامال بار ئاكتىپلىق بىلەن گاز تۇڭى دېگەندەك نەرسىلەرنى تاپشۇرۇۋېتىڭ، بولمىسا كېيىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ قالسا ئىش ئېغىرلاپ كېتىدۇ» دېدى، تەھدىت ئارىلاش بۇ سۆزدىن يەنە دائىرىلەر مەسىلە تاپشۇرۇشقا زورلاشتىن باشقا ئاممىنىڭ ئۆيىدىكى بىر قىسىم نەرسىلەرنىمۇ قانۇنسىز بويۇم دەپ يىغىۋاتقانلىقى پاش بولدى.

بىز يەنە ئاتۇشنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ياش، ئۆزى تۇرۇۋاتقان ناھىيىدىمۇ چوڭ يىغىن ئېچىپ، دائىرىلەرنىڭ دېھقانلارنى جىنايەتلىرىنى تاپشۇرۇشقا ئۆزىنى ئىقرار قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دېھقاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دائىرىلەر مەسىلە تاپشۇرۇشقا ئۈچ ئاي مۆھلەت بەرگەن،ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە مەسىلىنى تاپشۇرمىغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىپ، ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ دېھقان يەنە دائىرىلەرنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملارنى يىغىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئارقىدىن يەنە قانۇنسىز بويۇم دەپ تىزىمغا ئېلىنغان گاز تۇڭى، قىڭراق قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ دادۈيگە ‏(كەنتكە) تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى قىستۇرۇپ ئۆتتى.

بىز بۇ خىل مەسىلە تاپشۇرۇش، ئاختۇرۇش، ئىقرار قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق،تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن بىر ياش ساقچى، ۋەزىيەت چىڭ بولغاچقا ئۆزىنىڭ دەل شۇنداق ئىشلار بىلەن دەم ئالماي ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇ جايدىمۇ يۇقىرىقىدەك ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، قانۇنسىز بۇيۇملارنى تاپشۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەلىللەردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى»نى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇنلا يەنى بۇ ئاي كىرىشتىن ئاۋاللا، ئاختۇرۇش،پاش قىلىش ۋە تەكشۈرۈشلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. ھالبۇكى ئۈرۈمچىدىكى دىنىي ۋە مىللىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خادىمى، بۇ ئورگاننىڭ بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش تارقاتمىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشى،قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلار ئۆزلىرىنىڭ يەرلىكنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان ئۇقتۇرۇشى ۋە ھەرىكىتى بۆلىشى مۇمكىن، چۈنكى ھازىر ‹ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى› تېخى ئەمدى چىقىرىلغان يېڭى قانۇن،ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ھازىر ئۇنى تېخى ئاممىغا ئەمدى تەشۋىق قىلىش باسقۇچىدا» ئىكەن.

بۇ كادىر يەنە بىزنىڭ «ئەگەر بۇ نىزام ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن مۇشۇنىڭدا چەكلەنگەن بىر جىنايەتنى سادىر قىلغانلىقى پاش بولسا ئۇ كىشى جازاغا ئۇچرامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئېنىق قىلىپ، «ياق، ھەرگىز جىنايى جازاغا ئۇچرىمايدۇ، پەقەت تەشۋىقىي-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن خالاس» دەپ جاۋاب بەردى.

ئەپسۇسكى ھازىرغىچە پاش بولغان مەلۇماتلاردىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا داۋام قىلىۋاتقان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك كوللېكتىپ جازالاش يىغىنلىرىنى ئېچىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى چوڭ مەيدانلاردا جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرۇپ،جازالاۋاتقانلىقى، باشقىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنغانلارغىمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېز جازا بېرىۋاتقان بولسا، كىشىلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنىمۇ تاپشۇرۇشقا تەھدىت سالغاندىن باشقا مۇكاپات سوممىلىرىنى بەلگىلەپ باشقىلارنى پاش قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ ھەقتىكى مەلۇم بولغان دەلىل ۋە پاش بولغان سۈرەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا دائىرىلەرنىڭ مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان بۇ خىل ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا ئۈندەش ھەرىكىتى 3 ئايغا قەدەر داۋام قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.