دائىرىلەر گۇما ناھىيەسىدە «قانۇنسىز بۇيۇملار»نى ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.04.03
saqchi-3-qanunsiz-bir-buyum.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۈندىداردا ئېلان قىلغان، «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» نى دەرھال تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش. 2017-يىلى مارت.
Social Media (mp.weixin.qq.com)

خىتاي ج خ دائىرىلىرىنىڭ خوتەندە چىقارغان «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم»نى تاپشۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ سۈرىكى 1‏-ئاپرېل توشتى. دائىرىلەر بۇ يىل 3‏-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، 1‏-ئاپرېلغا قەدەر «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» بولسا، ئالاقىدار ئورۇنلارغا تاپشۇرمىغان پۇقرالارنىڭ تېررورلۇق، جىنايى ئىشلار ۋە ئامانلىق باشقۇرۇش قانۇنلىرىغا ئاساسەن جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 30‏-مارت، «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم»نىڭ سۈرىكى توشىدىغان ھارپا كۈنى خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، يىغىۋالغان «قانۇنسىز دىنىي كىتاب»، دىنىي كىيىم-كېچەك ۋە باشقا «قانۇنسىز بۇيۇملار»نى يېزا مەيدانلىرىغا توپلاپ كۆيدۈرىۋەتكەن.

يەرلىك دائىرىلەر دۈشەنبە كۈنى رادىيومىزغا يىغىۋېلىنغان «بۇيۇملار»نىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ناھىيەدە «قانۇنسىز بۇيۇملار»نى ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

گۇما ناھىيەسىنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچى ساقچى خادىمى مۇنداق دېدى: «ئەمدى، بۇ چەكلەنگەن قانۇنسىز بۇيۇمنى ساقلاش، دېگەن قانۇنغا خىلاپ ئەمدى. بۇنى تاپشۇرۇۋەتسىڭىز، مەيلى قايسى مەقسەت، قايسى مۇددىئادا ساقلىغان بولۇڭ بۇنى، تاپشۇرۇۋەتسىڭىز مەسىلە سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئەمما لېكىن، بىز بېرىپ تېپىۋالساق، مەسىلە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ئۇنىڭغا. لېكىن ھېلى ھەممۇ قانداق بولار، دېيىش ئەمەس، ھېلى ھەممۇ كېلىپ مەسىلىنى تاپشۇرسا بولىدۇ.

مۇخبىر: پۈتۈن يەرنى تەكشۈرۈۋاتامسىلەر ھازىر، ئائىلىلەرگە كىرىپ؟

نۆۋەتچى ساقچى: ۋاي پۈتۈن يەردىغۇ. پۈتۈن گۇما ناھىيەسىدە ئۇقتۇرۇش بارغۇ، ھازىر. ھەئە، ئاشۇنداق بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى ئائىلە ئىجارىسى قىلغاچ، ئۆيلەرنى بىر قاتار تەكشۈرۈپ مېڭىۋاتىدۇ.

لېكىن گۇما ناھىيەسىدىكى يەنە بىر مەسئۇل ساقچى خادىمى ئائىلىلەرگە قوراللىق باستۇرۇپ كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچى، دىنىي باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە كەنت بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئائىلىلەرگە كىرىپ، «قانۇنسىز دىنىي كىتاب ۋە بۇيۇملار» نى يىغىۋالماقتىكەن.

ساقچى باشلىقى: بۇ بىزنىڭكى ئاشۇ جىنايەتنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ نېمە قىلىدىغان گەپ. مەسىلەن، قانۇنسىز ماددىي بۇيۇملارنى يىغىۋالساق، بۇنىڭدىن كېيىن ساقلىماسلىققا، ئۆزىدىكى مەسىلىنى تاپشۇردى، دەپ تەربىيە بېرىپ، شۇ بويىچە كەچۈرۈم قىلساق بولىدۇ.

مۇخبىر: بىراق، ئۆيمۇ -ئۆي كىرىپ ئاختۇرۇۋېتىپسىلەر، قانۇنسىز بۇيۇم ساقلىدىڭمۇ-ساقلىمىدۇڭمۇ، نېمە بار‏-نېمە يوق ئۆيۈڭدە دەپ. بۇ بەك ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك ئەمەسما؟

ساقچى باشلىقى: مەنچە ھەددىدىن ئاشقانلىق ئەمەس. ئۆيگە كىرىدىغانلار مەسىلەن، خىزمەت گۇرۇپپىسىمۇ ھۆددىگە ئالغان ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، سۆھبەتلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. مەسچىت باشقۇرۇش كومىتېتى دەيمىز كەنتلەردىكى، كەنت كومىتېتى ساقچىلار بىلەن ھەممىمىز تەكشۈرۈپ، ھازىر مۇقىملىق ساقلاش، ئەبەدىي ئەمىنلىك بولغاندىن كېيىن ئاشۇنداق قىلىۋاتىمىز.

مۇخبىر: ئاشۇنداق قىلساڭلار ئۆيىدە بار نەرسىنى بەرگەنلەر چىقتىمۇ، مەسىلەن، دىنىي كىتاب، جىلباپ، ھىجاپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى؟

ساقچى باشلىقى: بەرگەنلەر بار. مۇشۇنداق، مۇشۇنداق كىتابلار بارتى، بىزدە، بىر كۆرۈپ بېرەمسىلەر، بىز ئۇقالماي يۈرگەن. قانۇنسىز كىتابلار بارمىكەن-يوقمىكەن، دەپ ئۆيىدىكى كىتابلارنى ئېلىپ چىقىپ بەرگەنلەر بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەسىلەن، نەشرى ئېنىق ئەمەس قانۇنسىز كىتابلارنى، بىزگە ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن چەكلەنگەن كىتابلارنى، شۇ كىتابلارنى ئېلىۋالدۇق. قانۇنلۇق بولغان كىتابلارغا بىز 'تەكشۈرۈلدى' دېگەن تامغا بار، بىخەتەر بولسۇن، دەپ شۇنى بېسىپ بەردۇق. كىتابخانىدا كىتاب سېتىۋالسا تامغا بېسىپ بېرىدىغۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش. قانۇنسىزلىرىنى تىزىملاپ پالانىدىن مۇنچىلىك قانۇنسىز كىتاب يىغىۋېلىندى. «سىز مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز بولمايدۇ، ماۋۇ كىتابلارنى ئوقۇڭ» دەپ تەربىيە بېرىپ، شۇنداق كېتىپ بارىمىز.

مۇخبىر: ئۇ، سىلەردە قانداق كىتابلار قانۇنلۇق، قانداق كىتابلار قانۇنسىز بولىدۇ؟

ساقچى باشلىقى: بىزنىڭ ماۋۇ مەسچىت باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن دىن بىرلىكسەپ ئىشخانىسىدىن تارقىتىپ بەرگەن 156 خىل كىتابنىڭ سانى بار بېسىلغان. بۇرۇنمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەسىلەن، 90‏-يىلى، 80-يىلى نەشر قىلىپ تارتىلغان كىتابلار بار. ئارىسىدا بەزى گەپ سۆزلەر قىستۇرۇلۇپ قالغان كىتابلار بار. يەنە بەزى نەشرى بار‏-نەشرى يوق، دېگەندەك كىتابلار، يەنە بەزى كىتابلار بار قانۇنسىز باسقان، ئاشۇنداق كىتابلار دەيمىز. يەنە بۇرۇن يايمىچىلار ساتقانلىرى بار، شۇلارنىمۇ يىغىۋالدۇق. بەزەنلەر ئۆيدىن ئېلىپ بەردى، بەزەنلەر كەنت كومىتېتىغا ئەكېلىپ بەردى.

مۇخبىر: بۇ 156 خىل كىتابنى ناھىيەلىك ئىسلام جەمئىيىتى چىقىرىپ بەردىمۇ، قانۇنسىز دەپ؟

ساقچى باشلىقى: ياق، بۇ قانۇنلۇق دەپ چىقىرىپ بەرگىنى. ماۋۇ ھېلىقى دىنىي كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى مەسىلەن، قۇرئانى كەرىم، بىر نېمە لۇغەت، شېرىن بۇلاق بۇلارنى دەيمىز. ئاساسەن ماۋۇ دىنىي كىتابلارنىڭ 156 خىل تۈرى قانۇنلۇق، بۇنىڭ سىرتىدىكى كىتابلار قانۇنسىز، دەپ تارقىتىپ بەرگەن بىر ماتېرىيال بار.

بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم»نى تاپشۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى ۋېي جىڭشىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى «كىشىلەرنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا قىلىنغان مۇداخىلە» دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.

خىتاينىڭ خوتەندىكى بىڭتۈەنىگە قاراشلىق مەلۇم پولكىنىڭ بىر خىتاي پۇقراسى دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى خىتاينىڭ سىياسىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مۇقىملىق تەدبىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتىڭ. مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر مىسال ئېلىپ بېرەي، ئۇلار ھەر دۈشەنبە كەنتكە بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. شەنبە كۈنى يىغىن ئاچىدۇ. ھەر 3 كۈندە، ھەر ئىككى كۈندە بىر يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بىز ھېچقانداق بىر كونترول بولمىسۇن، دېمەيمىز. ئەمما كونترولنىڭ بىر چېكى بولىدۇ. سەن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىگە ئارىلىشىۋالساڭ، ئۇيغۇرلارمۇ تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەكقۇ! ئۇلار دۆلەت، كومپارتىيەنىڭ يۆلەش سىياسىتىنى رەت قىلمىدىغۇ. رەئىس شى جىنپىڭ دېدىغۇ، ئوتتۇرا ۋە چوڭ كۆلەملىك دېھقانچىلىقنى قوللاش كېرەك، دەپ. ئۇيغۇرلار شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرىنى قوللايدۇ. بىراق تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىش بېجىرىشى ئوخشىمايۋاتىدۇ. مەيلى خىتاي بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى پاراكەندە قىلساڭ، مەسىلەن، بىر ئائىلىنى ئالايلى، ئائىلىنىڭ باشلىقىغا ھەر كۈنى مۇنداق قىل، ئۇنداق قىل، دەپ ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋالساڭ، سەن ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىپىگە تەسىر قىلىسەن. ئۇمۇ بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خائىشىغا مۇخالىپ بەزى ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.»

دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدا ئېلان قىلغان «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، «قانۇنسىز دىنىي نەشرىيات، قانۇنسىز دىن تارقىتىش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «3 قانۇنسىز» نى، گۈڭگۈرت، ئامۇنېي نېترات، ئورىيا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك دورىلىرىنى، پاتىلداق، سەرەڭگە، گاز تۇڭى قاتارلىق ئەشيالارنى، پىچاق، كەكە، قىڭراق، قىلىچ، تىزگىنەكلىك ئەسۋابلارنى، ئاي يۇلتۇز، ھالال-ھارام بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن گىلەم، كالېندار، چىنە-قاچا قاتارلىق بۇيۇملارنى، نىقابلىق كىيىم-كېچەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» تۈسىدىكى «بىر بۇيۇم»نى تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.