سابىق كەنت مۇدىرى: ئىنقىلابى ناخشىلارنى ئېيتىش «دىنىي ئەسەبىيلىك»كە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسى يېقىندا ناھىيە بويىچە ئىنقىلابى ناخشىلارنى ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇسابىقىگە ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق كەنتلەردىكى دېھقانلار مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان.

رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، يوپۇرغا ناھىيە مەلۇم كەنتىنىڭ سابىق مۇدىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنقىلابى ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ۋە شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بېرىلغان «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەڭشەش ۋە شۇنداقلا دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، مەزكۇر كەنت مۇدىرى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەت پروگراممىسىدا بولسۇن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتنى ئاڭلاڭ.