شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب مەكتۇپى مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى پاراكەندە قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.01.18
shi-jinping-qurban-tulum-qizi-xet.jpg قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يازغان جاۋاب خەتنى ئوقۇماقتا. 2017-يىلى 13-يانۋار، كېرىيە.
ts.cn

ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرى بەس-بەستە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى يازغان خەتكە جاۋاب يازغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنى ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنغان «غايەت زور غەمخورلۇق» دەپ تەسۋىرلەۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دېھقانلار بولسا بۇ خەت تۈپەيلىدىن سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىراقلا كۆپەيگەنلىكىنى ئىنكاس قىلماقتا. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بولسا بۇ قىلمىشنى «خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» نىڭ بىر تۈرى، دەپ تەنقىدلىدى.

خىتايدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇۋاتقان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 13-يانۋار كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربان يازغان خەتكە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى كەڭ مىقياستا خەۋەر قىلىشقا باشلىدى. بۇ ھال ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» دا تەپسىلىي خەۋەر قىلىنىپ «سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور رىغبەت» سەرلەۋھىسىدە مەخسۇس تور بېتى ئېچىلدى. بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھوقۇقدار شەخس چېن چۇەنگونىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭ مۇئاۋىنى لى پېڭشىن كېرىيە ناھىيىسىگە بېرىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چېن چۇەنگونىڭ بىۋاسىتە باشلامچىلىقىدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىدا «شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب مەكتۇپىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش» دولقۇنى قوزغالغان. بۇنىڭ بىلەن كەڭ دېھقانلار، شۇنداقلا ئىدارە ۋە ئورگان خىزمەتچىلىرىمۇ بۇ دولقۇنغا ئەگىشىشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 1950-يىللىرى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدىكى كەمبەغەل ئۇيغۇر دېھقان قۇربان تۇلۇم «بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ «يېڭى جەمئىيەت» كە مۇيەسسەر بولغانلىقىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى يەتكۈزمەكچى بولغانلىقى» بىلەن خىتايدا زامانىمىزغا قەدەر تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئۈلگىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئۇچۇرلىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاشۇ قۇربان تۇلۇمنىڭ ھازىرمۇ ھايات بولغان چوڭ قىزى توختىخان قۇربان ئۆزىنىڭ 88 ياشقا كىرگەنلىكىگە قارىماستىن نەۋرىسى رۇقىيەم ئارقىلىق خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يازغان. مەزكۇر خەتتە ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى، خوتەندە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلقنىڭ باي بولغانلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ئىكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان. 13-يانۋاردا بولسا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ توختىخان قۇربانغا جاۋاب مەكتۇپ يېزىپ ئۇنى ۋە خوتەندىكى كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش، خىتاي دۆلىتىنى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنى قىزغىن سۆيۈش» كە رىغبەتلەندۈرگەن.

بىز بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە، نىيە ناھىيىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، بىر قىسىم ئاھالىنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارەت جەريانىدا مۇشۇ دۈشەنبىدىن باشلاپ پۈتۈن يېزا بويىچە دېھقانلارنىڭ سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللىنىپ «شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب مەكتۇپىنىڭ روھىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى» مەلۇم بولدى.

ياشىنىپ قالغان بىر دېھقان ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ، باشقىلارنىڭ يۆلىشى بىلەن يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى، يىغىندا يېزا كادىرلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ توختىخانغا يازغان خېتىنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ جەرياندا يەنە بىر دېھقان ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ، مۇشۇ ئىشتىن كېيىن توختىخان قۇرباننىڭ ئۆيى جايلاشقان كېرىيە ناھىيىسى شەنبە بازىرىنىڭ يوللىرىنىڭ باشقىچە بېزەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ خىل پۈتكۈل رايون مىقياسىدا ئەۋج ئالغان «شى جىنپىڭنىڭ مەكتۇپىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش» مەركەز قىلىنغان بۇ خىل سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھادىسە ئەمەسلىكىنى، 1950-يىللاردا خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلىش ھەمدە قەشقەردىكى پاختەكلى دېھقانلىرىغا خەت يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «خەلقپەرۋەر» ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بىر ئاددىي دېھقان ئايالنىڭ خېتىگە جاۋاب يېزىشىدا ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇش ۋە ماۋ زېدۇڭغا ئوخشىتىش خاھىشى ئالدىنقى نىشان قىلىنغان ئىكەن.

ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتاي رەئىسىنىڭ جاۋاب مەكتۇپىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن داغدۇغا بىلەن سىياسىي ئۆگىنىش تېمىسى بولۇشى ھەققىدە ئېلشات ھەسەن پىكىر قىلىپ، بۇنىڭدا ئىككى خىل مەقسەت نىشان قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىرى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھوقۇقدار چېن چۇەنگو مۇشۇ ئارقىلىق خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. يەنە بىرى، خەلقئارادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇشقا باشلاۋاتقان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق خىتاي ئۆز ئىشغالىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختىيار» ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە تاشقى دۇنيانى ئالدىماقچى بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىدارە ۋە ئورگانلارمۇ مەزكۇر جاۋاب خەتنى جىددىي ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ، نۆۋەتتە جىددىي يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزى تېمىسى بولماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.