ساياھەت ئىدارىسى خادىمى : ساياھەت يېتەكچىلىرىدىن دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ

0:00 / 0:00

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساياھەت شىركەتلىرىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، ساياھەت يېتەكچىلىرى ۋە ساياھەت مەركەزلىرىدىكى چۈشەندۈرگۈچى خادىملارغا قارىتا سىياسىي تەلەپ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى . ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ۋە شىخەنزە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، جايلاردىكى ساياھەت شىركەتلىرىگە قارىتا سىياسىي تەلەپلەر كۈچەيتىلگەنلىكى، بولۇپمۇ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە قارىتا چەكلىمىلەر كۈپەيتىلىپ، ساياھەت مەركەزلىرىدە ئىشلەيدىغان چۈشەندۈرگۈچى خادىملارغا قارىتا سىياسىي جەھەتتىن دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ سۆز-ھەرىكەتلەردە بولماسلىق تەلەپ قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياسەت ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەت شىركەتلىرىگە قارىتا سىياسىي تەلەپلەر قويۇلۇپ، ساياھەت ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە قارىتا ھەر خىل چەكلىمە-بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىن كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولدى.

رادىيومىز تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى ، تېلېفوننىڭ ئامېرىكىدىن ئۇرۇلغانلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەت ئۈچۈن كېلىدىغان چەتئەللىكلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەرنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، قەشقەرنى تەۋىسيە قىلىپ مۇنداق دېدى: « جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەتكە بارغان چەتئەللىكلەر ئۈچۈن ، قەشقەردىكى ئىپارخان مازىرى قاتارلىق جايلار ياخشى ساياھەت نۇقتىلىرى، ئەمما خوتەندە ساياھەت قىلغۇدەك نۇقتىلارمۇ يوق، شۇڭا ساياھەتچىلەرنىڭ خوتەنگە بارمىغىنى ياخشى.»

ئۇنىڭ بىلەن چەتئەللىكلەر قەشقەرگە ساياھەتكە بارسا، قانداق چەكلىمىلەر بارلىقى ھەققىدىكى دىئالوگىمىز تۆۋەندىكىدەك داۋاملاشتى:

-قەشقەرگە ساياھەتكە بارغان چەتئەللىكلەرگە قانداق چەكلىمىلەر بار؟

-چەتئەللىكلەر چېگراغا يېقىن جايلارغا بارسا بولمايدۇ، مەسىلەن، خونجىراپ ئېغىزى دېگەندەك جايلار.

-مەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ساياھەت جەريانىدا زادى قانداق چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەپسىلىي بىلەي دېگەن ئىدىم؟

‏- سىز ئاۋۋال، ماڭا ئېلخەت ساندۇقىڭىزنىڭ ئادرېسىنى ئەۋەتىپ بېرىڭ، مەن ئەشۇ جايغا چەتئەللىكلەر ساياھەت جەريانىدا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك تەرتىپلەرنىڭ تەپسىلاتىنى يوللاپ بېرەي. بەزى مەسىلىلەرنى تېلېفوندا دېيىشكە ئەپسىز.

-قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى قانداق؟ مەن خەۋەرلەردىن 2- ئايدا خوتەندە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنى ئاڭلىغان ئىدىم.

-ھازىر ۋەزىيەت تىنچ ، بىخەتەرلىك ئەھۋاللىرى ياخشى. ئەنسىرىگۈدەك ئىشمۇ يوق.

-چەتئەللىكلەرنىڭ مېھمانخانىدا يېتىشى ئۈچۈن قانداق چەكلىمىلەر بار؟

-چەتئەللىكلەر پەقەت بەلگىلەنگەن مېھمانخانىلاردىلا ياتاق ئالالايدۇ، چەتئەللىكلەرنىڭ خالىغان مېھمانخانىدا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

-چەتئەللىكلەرنىڭ ناھىيىلەردىكى مېھمانخانىلاردا يېتىشىغا بولمامدۇ؟

- ياق بولمايدۇ! چەتئەللىك ساياھەتچىلەر چوقۇم بەلگىلەپ بېرىلگەن مېھمانخانىلاردا يېتىشى شەرت. بۇ بەلگىلىمە ھازىر قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى، چەتئەللىكلەر مېھمانخانىدا رەسمىيەت ئۆتەشكە باشلىغان ھامان ئۇلارنىڭ پاسپورتىدىكى ئۇچۇرلار يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا يوللاپ بېرىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ چوقۇم بەلگىلەنگەن مېھمانخانىلاردىن ياتاق ئېلىشى شەرت قىلىنغان.

رادىيومىز قەشقەر ۋە خوتەندىكى بىرقانچە مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىمۇ مېھمانخانا خادىملىرى چەتئەللىك مېھمانخانىلارنىڭ بەلگىلەنگەن مېھمانخانىلاردا يېتىشىغا بولىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پاسپورت ئۇچۇرلىرى ئاپتوماتىك ھالدا ساقچى ئىدارىلىرىغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى يېقىندا تارقاتقان بىرقانچە ئۇقتۇرۇشلىرىدا يەنە، جايلاردىكى ساياھەت شىركەتلىرى ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىنى قايتا تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى ، ساياھەت يېتەكچىلىرىگە قارىتا سىياسىي جەھەتتىن تەربىيىلەش كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ساياھەت ئىدارىلىرى خادىملىرىمۇ ئۆز بايانلىرىدا بۇ ئۇقتۇرۇشلارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى بايانىدا، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالىدىغان ساياھەت شىركەتلىرىگە قارىتىلغان سىياسىي تەلەپلەر كۈچەيتىلگەنلىكىنى ، ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى چۈشەندۈرگۈچى خادىملارنىڭ ساياھەت جەريانىدا چۈشەندۈرۈش بەرگەندە چوقۇم دۆلەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىشى، تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:« ساياھەت شىركەتلىرى چوقۇم ساياھەت ئۆمىكىدىكى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن -تۈزۈملىرىنى تولۇق چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ساياھەت يېتەكچىلىرىدىن ئۆمەكتىكى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ چەكلەنگەن رايونلارغا بېرىشى، چەكلەنگەن جايلاردا رەسىم تارتىشى قاتارلىق قىلمىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى چۈشەندۈرگۈچى خادىملاردىن بولسا، ساياھەت نۇقتىسى ھەققىدە تارقىتىلغان يازما چۈشەندۈرۈشتىكى مەزمۇنلاردىن چەتنەپ كەتمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى، ھازىر ساياھەت يېتەكچىلىرى ۋە چۈشەندۈرگۈچىلەردىن سىياسىي جەھەتتە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق تەلەپلىرى يەنىمۇ كۈچەيدى.»

شىخەنزە شەھەرلىك ساياھەت شىركىتىنىڭ خادىمى شىخەنزە شەھىرىدە چەتئەللىكلەرگە ئېچىۋېتىلىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « شىخەنزە شەھىرىمۇ يىللاردىن بۇيان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى ۋە ساياھەت ئۆمەكلىرىنى كۈتۈۋالدى. مەسىلەن، بۇلتۇر بىلورۇسىيىدىن كەلگەن ساياھەت ئۆمىكىنى شىخەنزىدىكى مىللەتلەر ئۆرپ-ئادەت مەركىزىدە كۈتۈۋالغان. ئۇلارغا شىخەنزە شەھىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان، بىلورۇسىيىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدىكى سەنئەتچىلەر يەنە ئۆز دۆلىتىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىغان، شىخەنزىدىكى سەنئەت ئۆمىكىمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي سەنئەتلىرىنى ساياھەتچىلەرگە ئورۇنداپ بەرگەن ئىدى.»

ئۇنىڭدىن، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ شىخەنزىدە قانداق جايلارغا بارسا بولمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: « شىخەنزە شەھىرىدە يەنە دۆلەت دەرىجىلىك قىزىل ساياھەت نۇقتىلىرىمۇ بار. ئۇلار شىخەنزىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە مۇزىيى، 1- باتيالىيون بوز يەر ئېچىش ئەترىتىنىڭ گەمىلىرى ۋە جۇ ئېنلەي خاتىرە سارىيى قاتارلىق جايلار. بۇ نۇقتىلار تېخى چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلمىدى. چۈنكى، ساياھەت ئىدارىمىز قىزىل ساياھەت نۇقتىلىرىنى ھەرقايسى مەكتەپلەر ۋە ئىدارىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھەقسىز كۈتۈۋېلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان. قىزىل ساياھەت نۇقتىلىرىدا ئەلۋەتتە بىڭتۈەننىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىلىك يارىتىش روھى ،ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مىللىي ئىتتپاقلىق تەربىيىسى ئاساسىي مەقسەت قىلىنىدۇ ئەمەسمۇ؟!»

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى دوستلار، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەزى ئۇچۇرلار ۋە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساياھەت شىركەتلىرىگە قارىتىلغان سىياسىي تەلەپلەرنىڭ كۈچەيتىلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ساياھەت يېتەكچىلىرىدىن ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش ھەققىدىكى ئىلتىماس جەدۋىلىدە، ئۆزى تۇغۇلغان ئائىلىنىڭ 3 ئەۋلاد سىياسىي ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىز بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىزنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۇنىمىز.