يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ۋە دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كومپارتىيىگە مايىل بىر قىسىم كىشىلەرنى «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» دېگەن قالپاق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا. 1990-يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن سەھنىگە چىقىرىلغان ھارۇنخان ھاجى، يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۆپ تەشۋىق قىلىنغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز ھەمدە يېقىندا ئۆلتۈرۈلگەن تۇرپان شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېھىم داموللا قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى دىنىي ساھەدىكى بىر قىسىم كومپارتىيىگە سادىق شەخسلەردىن قانداق پايدىلىنىۋاتىدۇ؟
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي بىلىم ئادەملىرىدىن گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەيسا قارىم بىلەن شىۋېتسىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇللا ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئەيسا قارىم بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەنپەئىتىگە ماسلاشتۇرۇپ پەتىۋا بېرىۋاتقان ئاتالمىش «دىنىي زات» لارنى «زامانىمىزنىڭ شاپتۇل داموللىلىرىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.
مەلۇمكى، ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللا 1930-يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرگەن كىشىدۇر. ئۇ جاللات شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان «ئالتە بۈيۈك سىياسىتى» نىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفكە زىت ئەمەسلىكىنى تەرغىب قىلىپ كىتاب يازغان، كېيىنچە گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن شەخس. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئەيسا قارىم ئۆز قاراشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق بايان قىلدى. ئۇ يەنە قۇرئان كەرىمىدىكى ئايەتلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ ھەققانىي يول ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە ئاللانىڭ كالامىنى ئۆز خاھىشى بويىچە شەرھلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كەتمەن چاپقانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللەر بىلەن كۆرسەتتى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە ئۆز پىكىر بايان قىلدى. ئۇ جۈمە تاھىرغا ئوخشاش دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ ئىسلام دىنىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كويىدا يۈرگەن كىشىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي غەرىزى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغان ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لارنىڭ ئەمەلىيەتتە «سەللە ئورىغان كوممۇنىست موللىلار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.