تۈركىيەدىكى «قانال-ت» تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، يەنى سەيشەنبە كۈنى كەچتە تۈركىيەدىكى «قانال-ت» تېلېۋىزىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى سېيفى شاھىن رىياسەتچىلىك قىلغان «قۇش باقىشى» ماۋزۇلۇق پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.

شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بىر سائەت 40 مىنۇت داۋاملاشقان پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە چەتئەلدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. سېيفى شاھىن ئەپەندى سوئال-جاۋاب شەكلىدە داۋاملاشقان پروگراممىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مەمتىمىن بۇغرا، مەسئۇد سابىرى بايقوزى، رابىيە قادىر، ئىلھام توختى قاتارلىق نۇرغۇن شەخسلەرنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، تېلېۋىزىيە كۆرگۈچىلەرگە بۇ كىشىلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

پروگرامما رىياسەتچىسى سېيفى شاھىن ئەپەندى پروگراممىنىڭ كىرىش قىسمىنى مۇنداق باشلىدى: «ھۆرمەتلىك تېلېۋىزىيە كۆرگۈچىلەر ‹قۇش باقىشى› ماۋزۇلۇق پروگراممىمىزغا خۇش كەلدىڭلار. پروگراممىمىز ھەر سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت يەتتىدە باشلىنىدۇ. سىلەرگە سىياسەت، كۈلتۈر ۋە تارىخ ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ھەر ھەپتە بىر ياكى بىر قانچە مۇتەخەسسىس بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سىلەرگە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز».

پروگرامما رىياسەتچىسى سېيفى شاھىن ئەپەندى 18-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى پروگراممىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك دوستلار بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننى ئاڭلىتىمىز. شەرقىي تۈركىستان مۇقەددەس بىر تۈرك يۇرتىدۇر. كۆكتۈرك دۆلىتى، ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە يارىتىلغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكىدۇر. تەڭرى تېغى ۋە قاراقۇرۇم تېغى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تاغلىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز تۈركلەر مىڭ يىل بۇرۇن ئۇ تاغلاردىن چىقىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، پارلاق مەدەنىيەتلەر ياراتقان، تۈركىي مىللەتلەر تارىختا پارلاق مەدەنىيەتلەر ياراتقان. مەسىلەن، بىز تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنى ياراتتۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز».

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى سېيفى شاھىن ئەپەندىنىڭ «سىز ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن سۆز باشلاشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. سىزمۇ دەپ ئۆتكەندەك، ھونلار، كۆك تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قاراخانىيلار دۆلىتى ۋە سەئىدىيە خانلىقى، قەشقەرىيە دۆلىتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دۆلىتى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان. بۇ مەزگىللەردە پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈن خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا. بۈگۈن مەن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمەن».

بىر سائەت 40 مىنۇت داۋاملاشقان پروگراممىدا ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى تەسىرلىك مىساللار بىلەن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بىز پروگرامما ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ۋە سېيفى شاھىن ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى، بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا نۇقتىلىق ھالدا نېمىلەرنى ئاڭلاتقانلىقى ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

«قانال-ت» تېلېۋىزىيەسى پروگرامما رىياسەتچىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى سېيفى شاھىن ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا «شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا پروگرامما ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش كېرەك. شۇڭا، بۇ خىل پروگراممىلارنى داۋاملاشتۇرىمىز. كېيىنكى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي پروگراممىلار ئىشلەيمەن».

2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا ئورۇن بېرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى قايتىدىن تېلېۋىزىيەلەردە ئاڭلىتىلىشقا باشلىدى.