«شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھەر خىل تېمىلاردا يىغىن ئېچىش داۋام قىلىۋاتىدۇ.

جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 8-ئۆكتەبىر كۈنى «دۇنيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. 9-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى كەچتە يەنە «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى، ئىلاھىيەت پەنلىرى دوكتورى ئېلى قاراداغى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە دوكتور ئېلى قاراداغىنىڭ سۆزلىرىنى نەق مەيداندا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى.

دوكتور ئېلى قاراداغى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز مۇسۇلمان قېرىنداش، ئىسلامدىكى ئىمانى قېرىنداشلىق بىزلەرگە بېرىلگەن چوڭ نېمەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر دەۋەتچى بىر دىنى ئالىم بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەر بىلەن بىرگە بولىمىز. بىز پەلەستىنگە قانداق كۆڭۈل بۆلگەن بولساق شەرقىي تۈركىستانغىمۇ شۇنداق كۆڭۈل بۆلىمىز، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى بىز دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار بىر قانچە قېتىم بايانات ئېلان قىلدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلە توغرىسىدا خەت ئەۋەتتۇق، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شۇ دەۋردىكى باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئېھسان ئوغلى بىلەن ئۆزۈم بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتۇق. ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە بىر ئىش قىلىشقا تىرىشتۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيە، قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمىز.»

دوكتور ئېلى قاراداغى يىغىن ئەھلىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: داۋادا غايىگە يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىدىغان دەۋەتچى بولۇش، يەنى توغرىغا يېتەكلەيدىغان، خاتادىن توسىدىغان، دەۋەتچى بولۇش، ئاندىن تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىش، مەيلى تۈركىيە ئىچىدە بولسۇن مەيلى تۈركىيە سىرتىدا بولسۇن تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئىمكانىيەت يوق دەپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەك.

ئىككىنچى تەۋسىيە بولسا، ئىقتىسادىي ئىگىلىك تىكلەش، ئىقتىسادىي ئىگىلىك تىكلەشتىمۇ ئۆز-ئارا ئىچىڭلاردىكى تالاش-تارتىشنى تاشلاڭلار، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىللەتلەردىن بىرى بولسا ھەممىمىز ئۆز ئالدىمىزغا جامائەت شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىمىز، ئەمما بۇ خاتا، ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇجەسسەملىشىشكە، ھەمكارلىشىشقا ئېھتىياجى بار.

ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلەش باي بولۇش مۇھىم، مەيلى ۋەتەن ئىچى ۋە ياكى سىرتىدا بولۇڭلار ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش، شىركەت ئېچىش،زاۋۇت-كارخانا قۇرۇپ تەرەققىي قىلىش لازىم. ئىقتىساد ئىسلامدا ئىمان-ئەقىدىدىن قالسا روھقا ئوخشاشتۇر. روھنى كۈچلەندۈرىدىغان يەنى خەلقنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئامىلدۇر.

ئۇ، ئۈچىنچى تەۋسىيە سۈپىتىدە يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلىم تەھسىل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر ياشلارنى ئىلىم تەھسىل قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

دوكتور ئېلى قاراداغى 1949-يىلى ئىراقنىڭ سۇلەيمانىيە تەۋەلىكىدىكى قاراداغ دېگەن جايدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1969-يىلى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1980-يىلى مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھوقۇق فاكۇلتېتىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن تاماملىغان، 1985-يىلى ئەزھەرنىڭ ھوقۇق فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.

دوكتور ئېلى قاراداغى ھەرقايسى دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئىسلامى خىزمەتلەردە مۇھىم ۋەزىپىلەر ئۆتەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ، «خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى» نىڭ باش كاتىپى، «پەتىۋا ۋە تەتقىقات كېڭىشى» نىڭ ياۋروپا بويىچە رەئىس ياردەمچىسى ۋە قاتار ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىئەت ۋە ئىسلام تەتقىقات فاكۇلتېتى پروفېسسورى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەپ كەلمەكتە ئىكەن.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.