رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ 2017‏-يىلدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.01.02
rabiye-tom-lantos-2015-mukapat-6.jpg دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 10-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

دۇنيا 2016‏-يىلنى ئۇزىتىپ قويۇپ 2017‏‏-يىلنى كۈتىۋالدى. شۈبھىسىزكى، 2016‏-يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن راھەت بىر يىل بولمىدى. پاسپورت يىغىۋېلىش، تۇغقانچىلىق ئورنىتىش، مەسچىت چېقىش، ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش دېگەندەك سىياسىي ھەرىكەتلەر 2016‏-يىلىغا تامغىسىنى ئۇرنى.

ئەمما، 2016‏-يىلى ئۇيغۇر سىياسىي داۋاگەرلىرى نۇقتىسىدىن قانداق بىر يىل بولدى؟ 2017‏-يىلى قانداق بولىدۇ؟ خەلقئارا ئۇيغۇر ھەرىكىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى ۋە بولىدۇ؟ بىز بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەپ، د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

رابىيە قادىر خانىم 2016‏-يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۈشكۈل بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2016‏-يىلى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىغا بولغان بېسىمى ۋە تەھدىتى كۈچەيگەن. ئۇيغۇر ھەرىكىتى يېڭى خرىس ۋە رىقابەتلەرگە دۇچ كەلگەن.

ئەمما، رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىكىگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى، 2017‏-يىلدىكى پىلانى ئالىي كېڭەش يىغىنى چاقىرىش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىدىكى ئورنىنى كۆتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.