كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتايلارنىڭ چەتئەلدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى تەشكىلاتى-«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈشكە، كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ كۆپ قاتلاملىق سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1-مارت «كۇنمىڭ ۋەقەسى» نى «تېررورلۇق» دەپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئىلگىرىلەپ باستۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقە يەنە تەرەپتىن خىتاي جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئويلىنىش پەيدا قىلغان.
«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا، جۇڭگو كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت سورىغاندىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇنىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋەدە قىلغاندەك ھەقىقىي مىللىي ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلمىدى. خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان جۇڭگو كومپارتىيىسى زوراۋانلىق ۋە يالغانچىلىققا تايىنىپ بۇ رايوننىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى كونترول قىلىپ كەلدى. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، تەبىئىي بايلىق ۋە مەدەنىيەت بايلىقىنى ئومۇمى يۈزلۈك مونوپول قىلىۋالدى. ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مىللىتى چەتكە قېقىلىپ، تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە 2-سىنىپ گراژدانلىققا چۈشۈرۈپ قويۇلدى، دېگەن.
جۇڭگو پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى دوكتور ياڭ جيەنلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر بىز بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئويلانمىساق، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىشنى ئۇيغۇرلار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، كىم قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق زور ۋەقەنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. بولمىسا، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبىنى چوقۇم بىلىشىمىز لازىم. ئەگەر بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقساق، جۇڭگو كومپارتىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ياكى ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللىي سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقالايمىز.
غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئىزچىل چاقىرىپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى قايسى جەھەتلەردە كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك؟ دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، تەبىئىي بايلىق، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى مونوپول قىلىۋالغان.
ياڭ جيەنلى: ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇندىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىدى. خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان جۇڭگو كومپارتىيىسى زوراۋانلىق ۋە يالغانچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ۋاسىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي مونوپوللۇق ھوقۇقىنى كونترول قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، تەبىئىي بايلىقىنى مونوپول قىلدى. تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۇيغۇرلارنى 2-سىنىپ گراژدانلىققا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ ئېنىق مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە يۈز بېرىۋاتقان رايون. بولۇپمۇ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيىسى دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ ئۇرۇشىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن زەربە بېرىپ كەلدى. ئادەتتىكى ئامانلىق ۋەقەلىرىنى، ئۇلارنىڭ يوللۇق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، دەپ باستۇردى. بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتتى، دېدى.
1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسى خىتاي جەمئىيىتىدە قانداق ئامىل ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل زور تەۋەككۈلچىلىككە مەجبۇرلىدى، دېگەن سوئال پەيدا قىلدى. ئامېرىكادا نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچى ياكى قاتتىق قوللۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى ھەر ئىككى تەرەپنى ئويغا سالغان.
ئۇ: بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىزنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز، تەتقىق قىلىشىمىزغا ئېھتىياجلىق. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ سەۋەبىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە قارشى تۇرغۇچىلارمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلار پەقەت مەسىلىنى قارشى پوزىتسىيەدە تۇرۇپ تەھلىل قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بەك يۇمشاق قول بولۇپ قالدى، قاتتىق قوللۇق قىلىش كېرەك. ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىشىمىز لازىم، دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇ خىل قاراشقا قوشۇلمىساممۇ، بىراق بۇ ئۇلار بۇنىڭ بىر سەۋەبى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بەك قاتتىق قوللۇق ۋە قوپاللىق قىلدى. ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىدى. بىراق ئۇلارنىڭ قارىشىچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بەك كەڭچىلىك قىلدى. دېمەك، بىزنىڭ قارشىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قارىشى پۈتۈنلەي زىت. لېكىن بۇنىڭ ئۆزى بۇ ۋەقە بىزگە ئوخشاشلا ئۇلارنىمۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىشىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
لېكىن خۇ پىڭ ئەپەندى، «كۇنمىڭ ۋەقەسى» بىلەن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ روشەن پەرقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق» دەپ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تېررورلۇق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئاۋۋال جۇڭگو دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ساقچى ۋە ساقچى پونكىتلىرىنى يەنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى نىشان قىلغان. يەنى ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورگىنى ئىدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ۋە ساقچىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بۇ خىل ھۇجۇملار ئادەتتە تېررورلۇققا كىرمەيدۇ. بۇ نۇقتا ھەممىگە ناھايىتى ئايدىڭ. ئەگەر ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە ساقچىغا قارىتىلغان ھۇجۇم تېررورلۇق، دەپ قارالسا دۇنيادىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ ھەممىسى تېررورچى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەت ۋە ساقچىغا ھۇجۇم قىلغانلارنى تېررورچى دېيىش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. مانا بۇ بۇ قېتىمقى «كۇنمىڭ ۋەقەسى» بىلەن بۇرۇن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تۈپ پەرقى، دەپ كۆرسەتتى.
«جۇڭگو پۇقرالاركۈچى» تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە تەكىتلەپ، «كۇنمىڭ پاجىئەسى» ھەر بىر خەنزۇ گراژدانىنىڭ ئۇيغۇرلارنى توغرا تونۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى، دىنىي، ھازىرقى ئەھۋالىنى توغرا چۈشۈشۈشى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى، ئىككى مىللەتنى مىللىي نەپرەت ۋە قانلىق توقۇنۇشلاردىن ساقلىنىشقا چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقە ئالاقىدار تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تولۇق ئېلان قىلىشقا چاقىردى.
ئۇ: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى قانداق ھەل قىلىدۇ، مېنىڭچە بۇنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە. ئۇ ھازىر بۇ ۋەقەنى «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتى» دەپ ئېلان قىلدى. بىراق، بىز تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغاندىلا بىز بۇ ۋەقەنى قانداق سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئېھتىمال بۇ ۋەقە دۆلەتنى پارچىلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماسلىقى، ئېھتىمال باشقا سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. بىز ھەر قېتىم بۇ خىل ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇچۇرنى تۇلۇق ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق. بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر تولۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىدى. بىز ئۇنى ئۇچۇر ئېلان قىلىشقا چاقىرىمىز، دېدى.
جۇڭگو پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق 1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسىنى بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋان تېررورلۇق، دەپ ئەيىبلىگەن. ھۇجۇمچىلار مۇستەبىت ھاكىمىيەت ياكى رەھىمسىز زومىگەرلىكنىڭ قانچىلىك رەھىمسىز زۇلۇمى، ئۇنىڭ ئادالەتسىز ئېكسپىلاتاتسىيە ياكى مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئاقلىغىلى بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. د ئۇ ق 2-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوخشاشلا بۇ ۋەقەنى تەنقىد قىلغان ئىدى.