ۋەقە يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ ۋە ئىماملىرىم يېزىسىدا ماي پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈملىرى ئۆزگەرتىلدى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم ۋە يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىلىرىدا ماي پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈملىرى ئۆزگەرتىلگەن.

ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى بىر ماي پونكىتى باشلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئېلىشقۇدا 28-ئىيۇل قەتلىئامى يۈز بەرگەن ھەپتىسى ماي پونكىتلىرى پەقەتلا ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىلا ماي بىلەن تەمىنلىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناش قوراللىرىغا ماي بېرىشنى توختاتقان. ئىماملىرىم يېزىسىدا بولسا، ماي پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىككى ئىشىكلىكتىن بىر ئىشىكلىككە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ئەھۋالمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاشتا چارىسىز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.