ئۇيغۇر ئېلىدا ھاشارنىڭ يېڭى شەكلى-نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش داۋاملاشماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.02.15
qurban-tulum-maw-zedong.jpg ئۇيغۇر ئاتا بالىنىڭ خەلق مەيدانىغا تىكلەنگەن، قۇربان تۇلۇمنىڭ ماۋ زېدوڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەيكىلى ئالدىدا ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 16-ئاپرېل، خوتەن.
AFP

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسەتلىرى ئارقىسىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرى يىلدا بىر ئايدىن ئىككى ئايغىچە مەجبۇرىي بىكارغا ئىشلەشتەك ھاشاردىن قۇتۇلالماي كەلگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى گەرچە بۇ يىل 4-فېۋرالدا يېڭى سىياسەت چىقىرىپ ئۇيغۇر دىيارىدا دېھقانلارنى ھەر قانداق شەكىلدىكى ھەقسىز ئەمگەككە سېلىشنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئېنىقلاشلىرىمىزدىن، بۇنىڭ رايوندا ھاشارنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى، ھەر خىل ناملاردا ھەقسىز ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

يېقىندا يەنە بۇ ھەقتىكى ئىگىلەشلىرىمىزدىن، مۇقىملىق باھانىسىدە دېھقانلارنى ئوخشاشلا مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئىشلىتىدىغان «كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش» تىن ئىبارەت ھاشارنىڭ يېڭى بىر شەكلىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، بويسۇنمىغانلاردىن ھەتتا جەرىمانە ئېلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا ھاشار ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، بەزى جايلاردا دېھقانلارنىڭ يىللىق ھاشارغا ئىشلەش جۇغلانمىسى 150 كۈنگە يىتىدۇ، بارمىغانلار جەرىمانە تۆلەيدۇ، ھەتتا تۈرلۈك جازالارغا ئۇچرايدۇ، يېرىنى تارتىۋالىدىغان، سۇ بەرمەيدىغان ئەھۋاللارنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ھەتتا تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى، تۈرلۈك ياردەم مەبلەغلىرىدىنمۇ قۇرۇق قالىدىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلدى.

ئېرىق ئۆستەڭلەرنى چېپىش، يول ياساش ۋە باشقا تۈگىمەس ھاشار ئەمگەكلىرى ئاساسىي قاتلاملاردا دائىرىلەرنىڭ دېھقانلارنى بىكارغا ئىشلىتىشى ئارقىلىق تاماملىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەمگەكلەرنىڭ كۆپ قىسمىغا قارىتا يۇقىرىنىڭ تۈر مەبلەغلىرى بار ئىكەنلىكىمۇ مەلۇم.

ھالبۇكى، ھاشار دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا، ئىشلەپ پۇل تېپىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىل سۈپىتىدە ئىسمى ئۆزگەرسىمۇ، ئۆزى يوقالماي، ھەممە كىشى ئەمگىكىدىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشى قانۇنلۇق بىر دەۋردە تۇرۇپمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلار پۇلسىز ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ كەلدى.

ئۇنداقتا بۇ ئاينىڭ بېشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئىشلىتىشنى بىكار قىلىشى بىلەن، ئادەتتە ھەر يىلى ھاشار ئەڭ ئېغىر ئىجرا قىلىنىدىغان نۆۋەتتىكىدەك ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىش ئالدىدا، دېھقانلار ھاشاردىن راسلا قۇتۇلدىمۇ؟ ئەپسۇسكى ياق. بۇ ھەقتە ھاشار ئەڭ ئېغىر داۋام قىلىپ كەلگەن جايلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن دېھقانلارنىڭ گەرچە بۇلتۇرقى ۋە ئۇنىڭ ئاۋۋالقى يىللىرىدىكىدەك ئېغىر ھاشار ئەمگىكىگە تۇتۇلمىغان بولسىمۇ، مۇقىملىق باھانىسىدە يەنىلا ئوخشىمىغان ناملار ئاستىدا ئوخشاش مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى مەلۇم نامرات كەنتتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان، گەرچە بۇ ئاي ئوپچە ئەمگەككە سېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قانچە كۈن بۇرۇن، كەنت دائىرىلىرى، دېھقانلارنىڭ ھەر دۈشەنبە ئەتىگەندە بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىش، كەنت ئورۇنلاشتۇرغان كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇشقا كېپىللىك بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس جەدۋەللەرگە قول قويدۇرۇپ، ھەتتا بارماق ئىزلىرىنى ئالغان. دائىرىلەرنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاتنىشالمىغان دېھقانلار ھەر قېتىمدا يۈز سوم جەرىمانە تۆلەيدىكەن.

ئوخشاش يېزىدىكى بىر كەنت كادىرى، گەرچە ھاشار تۈگىگەنلىكى ھەققىدە سىياسەت چۈشكەن بولسىمۇ، دېھقانلارنى بۇنداق بايراق چىقىرىش ۋە نۆۋەتچىلىككە سېلىشنى مۇقىملىقنىڭ تەلىپى دەپ چۈشەندۈردى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەممە كەنتتە ھازىر5 دىن 7-گىچە ساقچى بار،10 غىچە ياردەمچى ساقچىلار بار، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئاز دېگەندىمۇ بىر يېزىدا 100دىن ئارتۇق ساقچى كۈچى بار دېيىشكە بولىدىكەن. لېكىن، ساقچى كۈچى كۆپەيتىلگەن بىلەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يەلكىسىدىكى كۆزەتچىلىك ھاشارسىنىڭ دېھقانلارغىمۇ ئوخشاش يۈكلەنگەنلىكى مەلۇم. بۇ خىل مۇقىملىق ئۈچۈن دېھقانلارنى پۇلسىز مەجبۇرىي كۆزەتچىلىككە سېلىشنىڭ باشقا جايلاردىمۇ يۈرگۈزۈلگەن-يۈرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، قاراقاش ۋە قەشقەر پەيزىۋاتلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا بۇ جايلاردىمۇ بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن مۇقىملىق ھاشاسىنىڭ ئوخشاش ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا، بەخت تۇيغۇسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللار خېلىلا كۆپ، بۇ خىل ۋاسىتىلەر دېھقانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان، بېيىشىنى چەكلەيدىغان ۋاسىتە بولۇۋاتقان بولسا، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر دەرىجىلىك دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتچىلىك، ھاشار، بايراق چىقىرىش، سىياسىي ئۆگىنىش دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ، خەلقنى قانۇنسىز، خالىغانچە قاقتى-سوقتى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن چېن چۇەنگو ئۆتكەن يىلى ھوقۇق تاپشۇرۇۋېلىپلا مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ يەنە يېقىندا 13-بەش يىللىق پىلان يىلىنى «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى مۇھىم بىر يىل» دەپ جاكارلىغان ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە باشقا بىر قاتار ۋەزىپىلەر قاتارىدا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇمىي پروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە قىلىش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ 9-يانۋار كۈنىدىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە بىر قاتار خىزمەت نەتىجىلىرى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قاتارىدا مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەمدە چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

مەلۇم بولغاندەك، گەرچە ھەر جايلاردا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش مۇقىملىقنىڭ ئېھتىياجى بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە ھەرقايسى كەنت، ئاھالە كومىتېتلارغىچە ساقچى، ياردەمچى ساقچىلار سەپلەپ بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا، دۆلەت ۋە خەلقىنىڭ پۇلىغا بېقىلىۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرىمۇ ئاز ئەمەس تۇرۇقلۇق، ئاھالىلەرنىڭ نەچچە ئوندىن نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇشى بىھۇدە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ بېيىشىغا، ئۆزىگە تايىنىپ ئىش قىلىشىغا توسالغۇ بولماقتا، بولۇپمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلىرى توسالغۇغا ئۇچۇرماقتا. بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن پەرھات مۇھەممىدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۈچىدىن ھەقسىز پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىشتىن بەكرەك، مۇقىملىقنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھەر تۈرلۈك ھاشارغا تەشكىللەپ، يىغىپ باشقۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت قىلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق كونترول قىلىشنى، ئۇلارنى تەقىب قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ھاشارنىڭ مەۋجۇت شەكىللىرىنىڭ بەرىبىر باشقا شەكىللەردە داۋاملىق ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.